تۈركىيەنىڭ بۇ ھەركىتى دىنغا قايتىپ كەلگەنلىكمۇ ؟

      شىياڭگاڭ «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى (دىيانەت) 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، چاي ئىچۈرۈلۈپ بولۇنغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا «ئامراقلىق قىلىشماسلىق»نى تەلەپ قىلدى، بۇ قول تۇتۇشۇپ مېڭىش قاتارلىق يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى بۇلار ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق.

    تۈركىيە دىيانەت ئىدارىسى توي قىلمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئىشقىۋازلىق قىلماسلىق، بىرگە تۇرماسلىق، ھەتتا يېقىن ئولتۇرۇپ سىردىشىشتەك ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان قىلمىشلاردا بولماسلىق تەكلىپى بەردى، چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    چاي ئىچۈرۈلگەن ئەر-ئاياللارنىڭ كۆرۈشسە بولىدىغان بولمايدىغانلىق مەسىلىسىدە، تۈركىيە دىيانەت ئىدارىسى بىلدۈرۈشىچە، پەقەت ئۇلار ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلسا، كۆرۈشۈپ ئۆزئارا چۈشىنىشسە زىيانلىق ئەمەسكەن.

    تۈركىيە دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈركىيەدە «دىيانەت» ئىدارىسى دەپ ئاتىلىدۇ، تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۆلەتلىك ئورگان. 2015-يىلى 4-ئايدا، دىيانەت ئىدارىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان پەتىۋاغا ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن جامائەت پىكىرى دىققىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

    بۇ پەتىۋادا كۆرسىتىلىشىچە، ھاجەت قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر سۈزۈك سۇ تاپالمىسا، مەسىلەن تازىلىق قەغىزى دېگەندەك باشقا نەرسىلەرنى ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلار ھاجەت قىلىش قانۇنى (قەدداھۇل ھاجەھ) دا مۇسۇلمانلار ھاجەت قىلغاندىن كېيىن، سۇ، ئۈچ پارچە تاش ياكى ئۆزىنىڭ سول قولى بىلەن پاكىزلىشى كېرەك، بۇ قانۇن پۈتۈلگەن ۋاقىت قەغەز كەشپ قىلىنشتىن بۇرۇن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، مۇسۇلمانلار ھاجەت قىلغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلىشى كېرەك.

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، گەرچە تۈركىيە دىندىن خالىي دۆلەت بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ ئىمزالىنىشى قانۇن جەھەتتە ئەمەلىي رول ئوينىيالمايدىغان. ئەمما ئىستانبۇلغا ئوخشاش شەھەرلەردىن سىرت، تۈركىيەنىڭ يەنە نۇرغۇن جايلىرى ئىنتايىن ئەنئەنىۋى، شۇڭا بۇ قانۇن ئىسلام دۇنياسىدا يەنىلا تەسىر كۈچكە ئىگە.

    تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى، مەكتەپ مائارىپى ئىسلاھاتى ھەمدە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبلىك، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا دىندىن خالىي مەكتەپ تېپىشنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقانلىقىدىن ئاغىرىنىشقا باشلىدى. گۇمانلارغا قارىتا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى ئەردوغان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پەقەت تەقۋا مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ چوڭ دىنىي ئەركىنلىك بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek