ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا بىردەك تاماكا چەكلىنىدۇ

     سەھەر گېزىتى خەۋىرى : «ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىپ، ئىس-تۈتەكسىز سەھىيە ئاپپاراتلىرى، ئىس-تۈتەكسىز مەكتەپ ۋە ئىس-تۈتەكسىز ئىدارە-ئورگان بەرپا قىلىش». يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى يېڭى دەۋىردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەركىزىي شەھەر سەھىيە قۇرۇلۇشى، گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردىكى سۇنى ياخشىلاش ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئۈرۈمچى شەھىرى نۆۋەتتە يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سەھىيە بەرپا قىلىش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش، يېزىلاردا سۇنى ياخشىلاش ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى، ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن شەھەر يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىق قىياپىتىنى ياخشىلاپ، «پاكىز، رەتلىك ۋە تەرتىپلىك» ئىجتىمائىي مۇھىتنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. ماقۇللانغان «تەكلىپ-پىكىرلەر» دە، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكلەشنى يولغا قويۇپ، تاماكا چەكلەشكە ئائىت ھەرقايسى تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتىمۇ ئېنىق يول كۆرسىتىلدى، مەسىلەن تاماكا چەكلەش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، «تاماكا چەكمەيدىغان، تاماكا سۇنۇشمايدىغان، تاماكىغا زورلىمايدىغان» ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

      «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ (رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق قىلىپ ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكلەش) توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» روھىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق قىلىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكلەش بەلگىلىمە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياش-ئۆسمۈرلەرنى تاماكا چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى قىلىپ، تاماكا چېكىش سېپىغا يېڭى كىشىلەر توپىنىڭ قوشۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىس-تۈتەكسىز سەھىيە ئاپپاراتلىرى، ئىس-تۈتەكسىز مەكتەپ ۋە ئىس-تۈتەكسىز ئىدارە ئورگانلىرى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

     بۇندىن سىرت، «تەكلىپ-پىكىرلەر» دە يەنە، 2020-2016 يىلىغىچە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمەت نىشانىغا يوليورۇق كۆرسىتىلدى. مەسىلەن، مەملىكەتلىك پاكىز شەھەر قۇرۇلىشى، مەملىكەتلىك پاكىز يېزا-بازارلارنىڭ «نۆل» بولۇشىنى بۆسۈش، 7 رايوننىڭ داۋاملىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق «پاكىز شەھەر رايونى» لىقىنى ساقلاش، ئاپتونوم رايونلۇق پاكىز يېزا-بازارلارنىڭ سانىنى 3-2 گىچە يەتكۈزۈش، %50 ئولتۇراق رايونلىرىنى (كەنتلەرنى) شەھەر دەرىجىلىك پاكىز ئولتۇراق رايونغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزىلاردىكى پاكىزە سۇنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانا ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %90 تىن يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈش، شەھەر ئىستېمال ئەخلەتلىرىنى زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈش، كېرەكسىز بۇلغانما سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈش، ئاھالىلەرنىڭ ساملاغلىق ساپانى يېتىلدۈرۈش سەۋىيىسىنى %16 كە كۆتۈرۈش، كېسەل يۇقتۇرىدىغان چاشقان، سۈۋەرەك، پاشا-قوڭغۇز، چىۋىن قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق نىشانلار ئاپتونوم رايونلۇق تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئايلاندى.

        «تەكلىپ-پىكىلەرلەر» دە يەنە، شەھەر، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى بىلەن تازىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دەپ قارىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى بىلەن تازىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە نۇقتىلىق خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «13 - بەش يىللىق» پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى پۈتكۈل شەھەر بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىشقا چاقىرىق قىلىش كېرەك. ئۇندىن سىرت، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنى قانۇن بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا يېتەكلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنى ئورۇندىمىغان، ئۇزۇن مۇددەت «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» قاتارلىق ئىللەتلەر مەۋجۇد ئورۇنلارنى دەل ۋاقتىدا ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىدلەش، سازايى قىلىش، تىپىك ئىش-ئىزلار ۋە تىپىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە خەۋەر بېرىش كېرەك.

      ئاخىرىدا نۇر تورى تەشۋىقاتى بارلىق نۇرداشلار، جۈملىدىن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، تاماكىدىن يىراق تۇرۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپىدىكىلىرىنىمۇ «قۇتۇلدۇرۇپ» قېلىشقا ئەسكەرتىدۇ. ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، ئۆزىڭىز ۋە يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن تاماكىدىن يىراق تۇرۇڭ !



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek