ئاسىيا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقىنىڭ پاخشى پەيتى

ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ، تىنچ، مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان ئاسىيا بەرپا قىلىشغا تۇرتكە بولدى.


ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايىف 1992-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 47-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى ئەڭ ياش ۋە ئەڭ كۆپ خىللاشقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چېتىلىدىغان بىخەتەرلىك تېمىسى ئەڭ كەڭ ھەم نۆۋەتتىكى ئەڭ مول ئىستىقباللىق بىخەتەرلىك رامكىلىرىنىڭ بىرىغا ئايلاندى. كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان 22 يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا ئىشىنىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئەڭ دەسلىپىدىكى 14 دىن 24 كە كۆپىيىپ ھازىرغىچە 3 قېتىم باشلىقلار يىغىنىنى، 4 قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە بىر نەچچە قېتىم خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى پائالىيىتىنىڭ رامكىسىدا كۆپلىگەن ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى، ئۇندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەلەرنى ئۆتكۈزدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى يەنە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن پائال ئالاقە ئورناتتى.


ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يېقىندا ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئارا ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىش ۋە ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىدا، سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى قاراپ چىقىشىغا كەڭ سەھنە ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشنى قوغداشدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قازىدۇ.
جۇڭگو ئەڭ دەسلىپىدە، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى قۇرۇشنى قوللىغان ئىدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى جۇڭگونىڭ پائال قاتنىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە بىرلىككە كەلگەن ئىناق بىخەتەرلىك بوشلۇقىنى ئورنىتىش قارشى ۋە تەدبىرىنى توزۇپ ۋە يولغا قويۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈردى. بىز، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخان دۆلەت جۇڭگونىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


جۇڭگو يېقىندا، ئاسىيا يېڭى بىخەتەرلىك قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئورتاق بىخەتەرلىك، ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى، بىز بۇ قاراشنىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىشىنىمىز.


ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، ئاسىيانىڭ «ئەركىنلىك ھەممىدىن ئەلا» قېلىپىنى ئاددىيلا ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر تەشەببۇس قىلغان بىر قىسىم كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇنبىرى دەپ قاراشقان بولىدۇ. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارشىغا ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بەردى ھەمدە ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئويلىشىشدەك رىياللىق ئاساسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مەزكۇر رايوننىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ياردەم بەردى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرى كېڭىشى ئاسىيانىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى ۋە ئاسىيانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىغا تۇرتكە بولۇش جەريانىدا مەسىلىنى ئەتراپلىق ئويلايدۇ.


نۆۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنىلا ھەل قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىر دۇنيا، ئوخشاش ئارزۇ دېگەن شوئار بىزنىڭ ئەينەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تىنچ، مۇقىم بولغان ۋە ھەمكارلاشقان ئاسىيانى بىرلىكتە ئورنىتىش، بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز ۋە نىشانىمىز. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىر ئاسىيادا، ئوخشاش ئارزۇدا بولۇپ، يېڭى ئاسىيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
21-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek