ھەر يىلى، ۋىناس يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان كاتتا مۇراسىملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.شۇنىڭدەك شىنجاڭ خەلقىنىڭمۇ يېڭى يىللىق كاتتا مۇراسىملىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان 2015-يىللىق يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى31-دېكابىر كەچ شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى يىلغا تەنتەنە قىلىندى.
شۇ كۈنى كەچ، شىنجاڭ خەلق سارىيى ئۆزگىچە بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن بولۇپ، يېقىملىق مۇزىكا مېلودىيەسى كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى. 2015-يىللىق يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى سابىق سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كومپوزىتورى Schaus Tekke Vecchi نىڭ ‹‹بايرام مۇقەددىمىسى›› بىلەن باشلاندى.
بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە ‹‹ ئاق چاچلىق قىز››، ‹‹ ئىسپانىيەلىك گۈزەل قىز››، ‹‹ بىپايان يايلاق›› ، ‹‹ مېنىڭ قۇياشىم››، ‹‹كۈز، پامىر ـــ گۈزەل يۇرتۇم››، ‹‹چارۋىچى ناخشىسى›› ، ‹‹ئاققۇ كۆلى››، ‹‹ مودەنخان›› قاتارلىق نادىر نومۇرلار ئورۇندىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved