جوڭگۇ تور دۇنياسىدا دەۋر سۈرىۋاتقان تاۋباۋ ،تىيەنماۋ ،جىڭدۇڭ ۋە پەيپەي قاتارلىق بىكەتلەر ئاللىقاچان جۇڭگۇنىڭ تور سودا بازىرىنى مونۇپۇل قىلىپ بولدى دىسەكمۇ بولىدۇ .
تور دەۋرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئۇندىن كىيىنمۇ نۇرغۇنلىغان سودا تور بىكەتلىرى ئىچىلىپ تور بازىرىنى جانلاندۇردى ،ماس ھالەتتە رايونىمىزدىمۇ «تاۋارىم»،«شىنجاڭ سودا تورى» قاتارلىق تور سۇپىلىرى قۇرۇلۇپ رايونىمىزنىڭ تور ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە .يىقىندا رايونىمىزدا جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ توردا مەخسۇس سىتىش سۇپىسى بولغان «جىڭدۇڭ» خاراكتىرىدىكى «ئىتىبار تور سودا شەھەرچىسى » قۇرۇلۇپ بۇ خىل بوشلۇقنىمۇ تولدۇردى .
ئىتىبار سودا تورى بولسا شىنجاڭ ھەمكار سودا چەكلىك شىركىتى مەيدانغا چىقارغان توردىكى داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملارنى توردا بىۋاستە ئىتىبار باھادا سىتىپ چىقىرىشنى ئاساس قىلغان تور سۇپىسى بولۇپ ،رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملارنى ئەرزان باھادا سىتىۋىلىشىنى ھەمدە مىللىي شىركەتلەر ۋە شىنجاڭ بازىرىغا كىرىشنى ئويلايدىغان خەنزۇ
شىركەتلەرنىڭ توردا بازار ئىچىشىنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىكەت بولۇپ ،ئىچىلغاندىن كىيىنكى تەسىرى خىلى ياخشى بولغان ۋە رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مىللىي شىركەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ئىرىشكەن.
« ئېتىبار تور سودا شەھەرچىسى » ھەر قايسى سودىگەر ۋە خېرىدار دوستلارغا كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ھەممىمىزنىڭ ئىستىمال ئىھتىياجىنى تېز ھەم ئاسان قاندۇرۇش مەقسىتىدە، مال كىرگۈزۈش، ئېلان - تەشۋىقات بېرىش، سېتىپ چىقىرىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىر گەۋدە قىلىنغان توردىكى مەخسۇس سېتىش سۇپىسى بولۇپ، بۇ سودا سۇپىسى رايونىمىزدىكىداڭلىق مىللىي شىركەتلەر، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەردىكى ئىشەنچىلىك سودىگەرلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئاساسىدا سودىدا سەمىمىي ۋە ئادىل بولۇش، پۈتۈن
سۇپىدا ساختا مال بولماسلىقنى تۈپ مىزان قىلىپ ئالاھىدە ئېتىبار باھا بىلەن مالنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن . سودا سۇپىسىنىڭ مال كىرگۈزۈش، ئېلان - تەشۋىقات بېرىش، سېتىش ۋە سېىشتىن كېيىنكى بارلىق مۇلازىمەتنى شىركەت بىۋاستە باشقۇرىدۇ ھەم مەسئۇلبولۇپ ،ئىستىمالچىلار ھوقۇق - مەنپەئەتى تولۇق كاپالەتكە ئىرىشىدىكەن .
سودا سۇپىسى ئالدىنقى ئاي 11-چىسلادا « قوش 11 - چىسلا ئالاھىدە ئېتىبار پائالىيىتى » نى يولغا قويغان بولۇپ، ئىستىمالچى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . پائالىيەت يولغا قويۇلغان كۈنىلا چىكىلىشى 110نەچچە مىڭ ئادەم قىتىمغا يەتكەن. ئىگىلىنىشچە بىكەت ھازىر 15 -چىسلاغىچە تۆۋەن باھالىق ئىتىبار پائالىيىتى ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ بولۇپ ،ماللارنىڭ باھاسى جوڭگۇدىكى داڭلىق ماركىلارنى مەخسۇس سىتىش تور بىكەتلىرى بولغان جىڭدۇڭ ،تىيەنماۋ تورىدىن باھاسى كۆپلا ئەرزان ئىكەن ، مالنىڭ سۈپىتىگە بىردەك قاتتىق كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
ئەگەر بۇ پائالىيەتكە قىزىقسىڭىز بۇ يەردىن پائالىيەت تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ .
ئىتىبار تورىنى زىيارەت قىلىڭ
2015-يىل 5-ئاينىڭ 30–كۈنىدىن 6–ئاينىڭ 1–كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى «خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى»دە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك «ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى»گە تىزىملاش باشلان...
|
‹‹باج ئېلىش–باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››گە پىكىر ئېلىش ئاخىرلاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخا...
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved