جاھان ئاگېنتلىقى 23-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سىند ۋىلايىتىدە ئاپتۇبۇس پارتىلاپ نەتىجىدە 10 ئادەم قازا قىلدى، 8 كىشى يارىلاندى. نۇرى ئاباد ساقچى باشلىقى ھاشىم بروھى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سىند ۋىلايىتىنىڭ ھەيدەر ئاباد رايۇنىدىن كاراچى شەھىرىگە ماڭغان ۋە ئىچىدە 18 يولۇچى بار بولغان ئاپتۇبۇسنىڭ نۇرى ئاباد رايۇنىدا چاقنىڭ يېرىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئورەككە چۈشكەنلىكىنى ، ۋە بۇ جەرياندا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بروھى، ۋەقەدە ئوت كەتكەن ئاپتۇبۇستىكى 10 يولۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 8 يولۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتىپ، يارىدارلارنىڭ مەزكۇر رايۇندىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved