Etos تىپلىق شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئۇقۇم ماشىنىسى ئېلان قىلىندى

      ئامېرىكدىكى Motortrend12 تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋىتسارىيە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش شىركىتى Rinspeed ئۆزىنىڭ etos تىپلىق شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماشىنا 2016-يىلى 1-ئايدا لاۋسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىستىمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۆرەەزمىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن. etos تىپلىق ئۇقۇم ماشىنىسى تۇلپارi8 تىپلىق ماشىنا ئاساسىدا لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئاپتوماتىك يول يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنداقلا يەنە ماشىنىغا قوشۇمچە كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سەپلەنگەن.

    خۇددى ئىلگىرىكى Rinspeed تىپلىق ئۇقۇم ماشىنىسىغا ئوخشاش بۇ شىركەت يەنە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە etos تىپلىق ئۇقۇم ماشىنىسىنى لاھىيىلەپ چىققان. مەسىلەن گېرمانىيىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى ZF TRW شىركىتى etos تىپلىق ماشىنىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدىلىش باسقۇچىغا كىرگەن چاغدا رول ۋە باشقا زاپچاسلارنى  قاتلىنىدىغان قىلىپ لاھىيىلەشكە مەسئۇل بولغان. بۇ ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ يەنە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرى بولسا كەڭ دائىرىلىك ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇلار ماشىنا توختىتىش ئورنىنى تېپىش، شەخسى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Rinspeed شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى ھەيدىگۈچىلەرگە خۇددى ياردەمچىنىڭ رولىنى ئوينايدىكەن، چۈنكى ئۇ يول يۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن، مەسىلەن ئۇچۇر ئىزدەپ تېپىش، سۈرەتكە تارتىش، ۋىدىئو قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، كۆچمە تور ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ پەسىلدە نوكىيا 513 مىليون ياۋرو (...
13-05-2016
     كۆپ ساندىكى iOS ۋە OS X  ئەپلىرىنى ئىشلەش سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالما App Store نىڭ ئەپلەرگە بولغان تەكشۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ھەقىقەتەن كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. تاكى بۇلتۇرغىچە، App Stor...
12-05-2016
    TechWeb تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، مەۋھۇم رېئاللىق شىركىتى Oculus سامسۇڭ Gear VR قالپىقىنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنتى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.    Gear VRنى سامسۇڭ بىلەن Oculus شىركىتى بىرلىكتە تەتقى...
12-05-2016
    شۈنلېي شىركىتى يىقىندا 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان 2016-يىلى Q1 پەسىللىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، بۇ بىر پەسىلدە، شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 38.5 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %27.4 ئ...
12-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدىكى CES كۆرگەزمىسىدە ليەنشياڭ شىركىتى گۇگۇل بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارغا Tango تۈرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھازىر ليەنشي...
12-05-2016
    ئەگەر ئىككى يىلدىن كېيىن، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئايروپورتقا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئۆيىڭىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسىڭىزلا، تىك ئۇچۇپ قونالايدىغان ئايروپىلان سىزنى ساقل...
12-05-2016
   IT ئائىلىسى تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سامسۇڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 2016-يىللىق يېڭى Galaxy Tab 10.1 تاختا كومپيۇتېرىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. بۇ تاختا كومپيۇتېر ئېكرانىغا سامسۇڭنىڭ PLS تېخنىكىسى قوللىنىلغ...
12-05-2016
گۇگول ئىزدەش ماتورى يېقىندا ئازراق ئاۋارىچىلىققا يولۇققان، يەنى گۇگولدىكى ئاز سوممىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلانى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دەپ قارالغانلىقتىن، ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ...
12-05-2016
يېقىندا مۇخبىرلار دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن بايقىشىچە، شياۋمى يېقىندا پاتېنتلىق يېڭى ئىككى تۈرنى ئېلان قىپتۇ، بۇ ئىككى يېڭى تۈر ھايۋاناتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم، ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ...
12-05-2016
ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە توختىماي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى يىغىش ۋە ئىشلىتىش بارغانسېرى كېڭەيدى. پۇقرالارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى توغرا كىرگۈزۈش شۇ كىشىنىڭ مۇ...
Powered by Leglek