دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ئارزۇ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلار شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىدى، كەلگۈسىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆلىنىشى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ھېسابلىدى.
تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى ئاۋىستا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 4 نۇقتىلىق ھەمكارلىق تەكلىپى ئىنتايىن ئەمەلىي ۋە ئوموميۈزلۈك بولغان ھەمكارلىق تەكلىپى. ئۇ كېلەركى باسقۇچىتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چاقىرىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بەردى.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالېكساندىر رالىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، تاشقى تەرەققىياتقا پايدىلىق مۇھىتنى قەتئىي تەۋرەنمەي يارىتىشنى تىلغا ئالدى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قارار قىلىنغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش مۇھىم بىر تەدبىر، بۇ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
بىرازىلىيە-جۇڭگو ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كابۇلال مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ «بىز تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا، يېڭى ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزىمىز» دېدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ بارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى ئەللەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى كۈچەيتىشىدىكى ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved