قىسقىچە بايان : Airbusگوروھى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان پايچىكلار يىغىنىدا ئەۋزەل پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنى تەستىقلىماقچى .
تېڭشۈن لاتارىيە خەۋىرى : بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى ،BusinessInsiderتور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، Airbus گوروھى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان يىللىق پايچىكلار يىغىنىدا ئەۋزەل پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئالاھىدە پىلانىنى تەستىقلاپ ، %10 ئىچىدە پايچىكىىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
Airbus گوروھى بىر باياناتىدا پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئالاھىدە پىلانىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بۇ ئارقىلىق گوروھ مۇدىرىيىتىنىڭ مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈش جەريانىدا بىر قىسىم مەبلەغدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىش دەپ كۆرسەتتى .
Airbus گوروھى بۇرۇن بىر قېتىم مۇستەقىل ھالدا پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئالاھىدە پىلانى دەل ئالدىنقى قېتىملىقىنىڭ ئاساسىدىكى تولۇقلىما قايتۇرىۋېلىش ئىكەن . گوروھ مۇدىرىيىتىنىڭ مۇستەقىل قارارىغا ئاساسلانغاندا ،بۇنىڭدىن كېيىن پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئالاھىدە پىلانى يەنە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن . گوروھنىڭ پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانى ئاساسلىقى Airbus گوروھىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىكى پاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . Airbus گوروھى يەنە بۇ ئىككى قېتىملىق پايچىكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتا ئۆزىدىكى پاينى %10 تىن ئاشۇرىۋەتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئەگەردە %10 تىن ئېشىپ كەتسە ، ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنىڭ پاي چىكىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
Airbus گوروھى داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ، "ياۋروپا كارخانىسى"غا ئايلانماقچى . "ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتىتى ياۋروپا كارخانىلىرىنى باشقۇرىدۇ "دېگەن بەلگىلىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى كارخانا باشقۇرغۇچى چىگرا ھالقىغان شېرىك كارخانا بولسۇن ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كارخانىلار بىرلەشمىسى بولسۇن ، كارخانىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى قولاي ۋە راۋانلاشتۇرۇش بولۇپ ،ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى 28 دۆلەتكە قارىتىلغان .
پاي ئىگىدارلىقىدىكى شىركەتنىڭ نامى Airbus Group N.V.دىن Airbus Group SE غا ئۆزگەرتىلىدۇ . بىراق شىركەت تىزىملاتقان جاي ۋە باش شىركەتنىڭ ئورنى داۋاملىق گوللاندىيەنىڭ ئامۇستېردەندە بولىدۇ .
Airbus گوروھى داۋاملىق پارىژ ،فرەنكفورت ۋە ئىسپانىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پايچىكى بازىرىدا سودا قىلماقچى . Airbus گوروھىنىڭ ھازىرقى ئىسمى بۇلتۇرقى ياۋروپا ئاۋىئاتسىيە-مۇداپىئە گوروھىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ،بۇ جەرياندا Airbus گوروھى ئەسلى ئىسمىدىكى ياۋروپا دېگەن سۆزنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ ، گوروھ رەھبەرلىرى Airbus گوروھىنىڭ يەنىلا ساپ ياۋروپا قان سېستىمىسىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .
(لەگلەك خەۋىرى ، Ayibar تەرجىمىسى )
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved