24-نويابىر، 28-قېتىملىق ‹‹دۇنيا ئەيدىز كۈنى›› يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى تۇرۇش، داۋالاش مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش خادىملىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش 1-سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ داۋالاش خادىملىرىغا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان پىدائىيلارغا سەمىمىي سالام يوللىھى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئېلىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىدىكى داۋالاش خادىملىرىدىن ھال سوراپ، داۋالاش خادىملىرىغا گۈللەرنى تەقدىم قىلدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىرلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرى ۋە تەشۋىقاتى، ئەيدىزنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە يوقلاش، قىلمىشلارغا ئارىلىشىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر سىلەرنىڭ قان-تەرىڭلەر بەدىلىگە كەلگەن. كۆپچىلىك تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلدىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئۈن-تىنسىز ھالدا 1-سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان داۋالاش خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
شۆھرەت زاكىر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان داۋالاش خادىملىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپلىك ھەم مەسئۇلىيىتى ئېغىر خىزمەت بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا ۋە بوشاشماي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، بىمارلارنىڭ ساغلاملىقىنى يەنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارقىدىنلا شۆھرەت زاكىر ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يار كەنتى 9-گۇرۇپپىغا يېتىپ كېلىپ، ئەيدىز بىمارى بار نامرات ئائىلىنى يوقلىدى. شۆھرەت زاكىر بۇ ئائىلىدىكى ئەيدىز بىمارىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىز بەختكە قارشى ھالدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپسىز، ئەمما بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزگە ياردەم قىلىمىز، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەت سىزگە كۆيۈنىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ، سىز قايغۇرماي، باتۇرلارچە ياشاڭ، ھەربىر كۈنىڭىزنى ئىشەنچ بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved