بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟

بىر قىسىم بالىلاردا پات-پات بۇرنى قاتنايدىغان ئەھۋاللار بار. بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟

 


بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:


بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار بەك كۆپ بولىدۇ. بۇرۇن توسمىسى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تام)نىڭ ئالدى ۋە ئاستى تەرىپىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇرۇن ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ %90 مۇشۇ ئورۇندىن بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ-دە، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛


ئىككىنچى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ بۇرنىنى تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ماڭقىسىنى تاشلىغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
تۆتىنچى، بۇرۇننى كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
بەشىنچى، بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش. مەسىلەن، قان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوش سىقىپ بېرىشى كېرەك. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارىسىدىكى ئاسان قانايدىغان شىللىق پەردىنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بېسىپ بەرسە قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ياكى يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ بەرسىمۇ بۇرۇننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ قان توختايدۇ.

 

ئەگەر قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە، بالىنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇ سېپىش ياكى لۆڭگىگە مۇز ئوراپ يېقىپ بەرسىمۇ يۈز قىسمىدىكى تومۇرلار تارىيىپ بۇرۇنغا بارىدىغان قان ئازلايدۇ ۋە ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قان كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا بالىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ، ئۈستىگە قاراتماسلىق كېرەك. بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ قان يەنە توختىمىسا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
18-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek