شىنجاڭ بىلەن موسكۋا ئارىسىدا قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك پويىزى 10 – ئىيۇن سائەت 18 دە ئۈرۈمچى شىمالىي پويىز ئىستانسىسىدىن رەسمىي يولغا چىقتى. بۇ دۆلىتىمىزدىن تۇنجى قېتىم موسكۋاغا قاتنىغان، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بىلەن موسكۋا ئارىسىدا قۇرۇق قاتنىمايدىغان تۇنجى خەلقئارالىق يۈك پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ – موسكۋا خەلقئارا يۈك پويىزىدا ‹‹تەۋە جايغا ئىلتىماس قىلىش، پورتتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش›› ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان. ئىلگىرى شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا پويىزلار ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى سىرتقا توشۇشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە قۇرۇق قايتىپ كېلەتتى ياكى ئازراق نەرسە ئېلىپ قايتىپ كېلەتتى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز غەربكە پويىز سېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتلارنى يىغىش – تارقىتىش مەركىزى ۋە پىششىقلاش بازىسى قۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل. ھازىر شىنجاڭ – ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزى ھەپتىدە بىر – ئىككى قېتىم قاتناۋاتىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەپتىدە ئىككى قېتىم قاتناپ، يىلدا 200 قېتىم قاتناش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن گىرۇزىيە، شىنجاڭ بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يۈك پويىزىنىڭ نورمال قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved