جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 30-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى قاراپ چىققاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئۇنىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ھەمدە تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك دېدى.
ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ 2200 تىنچلىقنى قوغدىغۇچى خادىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونگو كىنشاسا، مالى ۋە جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى توققۇز تۈرلۈك تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا. ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved