لەگلەك تورى خەۋىرى:جوڭگو خىزمەت ماشىنىسى تۇنجى قارارلىق چوڭ تىپتىكى توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بىرىنچى بېكىتى شەنشى شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان بۇلۇپ،4-ئاينىڭ24كۈنى تاۋباۋ تورىنىڭ باشلامچىلىقىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سۇپىسىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلىندىكەن.
تۇنجى قارارلىق چوڭ تىپتىكى توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغان ماشىنا جەمىي 111ماشىنا بۇلۇپ،شەنشى شەھەردىكى ھەرقايسى ئىدارە كومىتىتلارنىڭ ئشلەتكەن ماشىنلىرى ئىكەن،دۆلەتكە قاراشلىق ماشىنىلار ئۆزگەرتىلىپ ئۆلكە دەرىجىلىك خىزمەت ماشىنىلىرى تۇنجى تۈركۈمدە تور سۇپىسىغا چىقىپ،ئىسمى جىسمىغا لايىق «بىرىنچى قېتىملىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغان جوڭگو خىزمەت ماشىناتورى»بۇلۇپ قالدى.
خەلىقئارا لىنيەدىكى مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە ،شەنشى شەھىردىكى مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىش سۇپىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا پۇتۇن مەملىكەتكە قارىتا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىش ئۈچۈن پەردىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.
خەلىقئارا لىنيەدىكى مۇخبىرنىڭ يەنە چوڭقۇرلاپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغان ماشىنىلار ئىچىدە 30مىڭ يۈندىن تۆۋەن ماشىنا 73دانە بار بۇلۇپ ،بىردانە سەككىز مىڭ يۈندىن باشلىنىپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغان Audi A6ماشىنىمۇ بار ئىكەن.30مىڭيۈندىن 50مىڭيۈنگىچە بولغان ماشىنىدىن 29بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved