پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئىتالىيە سوتى رەسمىي ھالدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى پارما كۇلۇبىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۇلۇب ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن ياردەم بىلەن بۇ پەسىللىك قالغان مۇسابىقىلەرنى تاماملايدىكەن.
ئېمىران كوماندىسى بۈگۈن ئىسپات ئاڭلاش يېغىنى ئۆتكۈزۈپ كۇلۇبىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئېلان قىلماسلىق توغرسىدا بىر قارارغا كەلدى. 10 مىنۇتلۇق ئىسپات ئاڭلاش يېغىنىدىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولماي كۇلۇبنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قلىش مۇقىملاشتى.
كۇلۇبنىڭ رەئىسى مارنىد قولغا ئېلىنغانلىق سەۋەبىدىن پارما كۇلۇبىمۇ ۋايران بولغانلىقنى جاكارلاشقا قارشى تۇرۇشنى ئويلاشمىغان. بۇ تۈر قارار رەسمىي ھالدا مۇقىملاشقان.
ھازىر پارما سوتى ئاللىقاچان كۇلۇبنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە Angelo Anedda بىلەن Alberto Guiotto نىڭ ۋاقىتلىق كۇلۇبنى قولىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھازىرچە كۇلۇبتىكى توپچىلارنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنى تاماملاش تاماملىماسلىق توغرىسىدىكى قارارى ئېنىق ئەمەس. بۈگۈن سەھەر كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گاروپا تاماملاش تاماملىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، بۇ ئىشنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياردەم قىلىپ كۇلۇبنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەرنى تاماملىشىغا كۈچىنى چىقىرىدىكەن. ياردەم سوممىسىنى بولسا ئىتالىيە ئا دەرىجىلكلەر بىرەشمىسىدىكى باشقا كوماندا ئىتتىپاقلىرى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved