فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» 7-يانۋار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتتى. تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى پايتەختتىكى بارلىق رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش لايىھەسى «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ھۇشيار تۇرۇش پىلانى» نىڭ دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئاخبارات ئورگانلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا-ساراي، قاتناش سىستېمىسى ۋە دىنىي ئورۇنلارغا بولغان قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
فىرانسىيە تېررورلۇققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش لايىھەسى «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ھۇشيار تۇرۇش پىلانى» نىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، زۇڭلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشەش ھوقۇقى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، فىرانسىيە زېمىنىدا بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەربىي سانى 10 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 8000 ھەربىي «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ھۇشيار تۇرۇش پىلانى» نى ئىجرا قىلىدىكەن. ئايرودۇرۇم، ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق مۇھىم ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەربىيلەر ئامانلىقنى قوغدايدىكەن. بۇ فىرانسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم نۇرغۇن ھەربىينى ئامانلىق ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved