گوللاندىيە ھەمكارلىق بانكىسى يېقىندا «2014-يىللىق يەر شارى سۈتچىلىكىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ يىلى گۇرۇھى نۆۋەتتە يەر شارىدىكى ئون كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن ئاسىيادىكى بىردىنبىر سۈتچىلىك كارخانىسى بولۇپ قالدى. بۇ-ئاسىيا سۈت كارخانىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەت تەرتىپى.
بۇلتۇردىن بۇيان، يىلى گۇرۇھى چەتئەللەرگە يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يېڭى زېللاندىيەدە سۈت تالقىنى تۈرىگە مەبلەغ سالدى ھەم ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سۈت شىركىتى DFA، ئىتالىيە سىگادا شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يىلى گۇرۇھى بىلەن ياۋروپاغا داڭلىق گوللاندىيەنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ۋاگنىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇدى ھەم تۇنجى جۇڭگو-گوللاندىيە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالىدى.
كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: يىلى گۇرۇھىنىڭ چەتئەللەردىكى بۇ تەدبىرلىرى بۇ گۇرۇھنىڭ يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى سۈتچىلىك ماگناتى بولۇشقا يەنىمۇ ئاساس سالدى، بۇ-يىلى گۇرۇھىنىڭ يەر شارىدىكى ئون كۈچلۈك قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبكە ئايلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved