بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە 2013-2014 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئەڭ نادىرلارنى باھالاش مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى ئەڭ ياخشى تۈرلەرنى ئېلان قىلدى.
باھالاش تاللاش تۈزۈمىگە ئاساسەن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 42 كوماندىنىڭ كوماندا باشلىقلىرى ( ھەر بىر كوماندىدىن ئۈچ كوماندا باشلىقى) بېلەت تاشلاپ ئەڭ ياخشى تۈرنى تاللاپ چىقىدۇ. بىراق ئۆز كوماندىسىدىكى توپچى ياكى تېرىنىرغا بېلەت تاشلاشقا بولمايدۇ. ئاخىرىدا پورتۇگالىيەلىك خان مادرىد كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان كىرىستىيانو رونالدو ئۈچ خىل تۈردىكى ئەڭ ياخشى مۇكاپاتنى ئۆزىنىڭ قىلدى.
ھەر قايسى تۈرلەردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر:
ئەڭ ياخشى توپچى: كىرىستىيانو رونالدو ( خان مادرىد كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇل: سىمونى ( مادرىد رىقابەت كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى: كىرىستىيانو رونالدو ( خان مادرىد كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان : مودرىچ خان مادرىد كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئوتتۇرا مەيدان: ئىنىستا ( بارسېلونا كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى بېك : سېرگىئو راموس (خان مادرىد كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى ۋاراتار: ناۋاس (خان مادرىد كۇلۇبى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە لەۋەنت كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.)
ئەڭ ياخشى ياش توپچى: رافىنىيە ( بارسېلونا كۇلۇبى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ۋىگو سالتا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.
ئەڭ ياخشى ئامېرىكا قىتئەلىك توپچى: باكا ( سارۋىيە كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى ئافرىقا قىتئەلىك توپچى: بۇراشىم. ( گىرانادا كۇلۇبى)
ئەڭ ياخشى كىرگۈزۈلگەن توپ: كىرىستىيانو رونالدو ( خان مادرىد كۇلۇبى، بالۇنسىيا كۇلۇبى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە كەينىچە كىرگۈزگەن توپ.)
ئادىل رىقابەتلەشكەن توپچى: لاچىدىن ( بارسېلونا كۇلۇبى ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە سالۋىيا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.)
ئادىل رىقابەتلەشكەن كۇلۇب: خانلىق جەمەتى كۇلۇبى.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالدىنقى پەسىللىك ئىسپانىيە ب دەرىجىلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ مۇكاپاتىمۇ تارقىتىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved