پەن-تېخنىكا كۈندىلىك گېزىتى 15- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئالىملار بىر تۈرلۈك يېڭى غول ھەجەيرە تەتقىقاتىدا زور بۆسۈشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەجىربىخانىدا كۆز ياساپ چىقتى.
مۇشۇ ھەپتە ئەنگىلىيە تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ تور بېكەت نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە ئىنسانلارنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل مۇھىم كۆز توقۇلمىسىنى ياساپ چىققىلى بولىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل كۆز ئالمىسىنىڭ يېتىلىش جەريانىغا ناھايىتى ئوخشايدىكەن.ئالىملار ياساپ چىقىلغان كۆز ئالمىسى تۇقۇلمىسىنى مۈڭگۈز پەردىسى كېسىلى سەۋەبىدىن قارغۇ بولۇپ قالغان ھايۋان تېنىدىن ئېلىنغان مودىلغا كۆچۈرگەن، نەتىجىدە ئالىملار بۇ توقۇلمىلارنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ ئالدى قىسىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە كۆرۈش قۇۋىتىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
كۆز ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كۆز ئالمىسى يۇقىرى دەرىجىدە بۆلۈنگەن توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن، بۇ توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بىر قاتار ھۆجەيرىلەرگە باغلىنىشلىق. تەتقىقات ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە كۆز مۈڭگۈز پەردە ھۈجەيرىسىنى تەجىربىخانىدا ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپتالىغان ھەمدە ئۇنى كۆرۈش ئىقتىدارى يوقلغان توشقاننىڭ كۆزىگە كۆچۈرگەندە، توشقاننىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ ئالدى قىسىمىنى ئوڭشاپ، كۆرۈش قوۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved