نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چاشقان زىيانلىق ھايۋان دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ راجاستان شەھىرىگە جايلاشقان چاشقان ئىلاھ ئىبادەتخانىسى بولسا چاشقانلارنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش بىلەن داڭلىق، بۇ ئىبادەتخانىدا تەخمىنەن 20 مىڭ چاشقان بار.
بۇ ئىبادەتخانىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چاشقاننى دەسسىۋالغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى، ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان چاشقان ھەيكىلىدىن بىرنى ئىبادەتخانىغا سوۋغات قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جازانى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھىندىستاننىڭ ئەل ئارىسىدا تارقالغان قاراشلارغا ئاساسەن، ئادەملەر ئەڭ دەسلەپتە چاشقان شەكلىدە پەيدا بولغان، يەنە بىر خىل كۆز قاراش بولسا، بۇ چاشقانلار قەدىمكى جەڭچىلەرنىڭ سېماسى بولۇپ، مانا بۇلار بۇتخانىنىڭ چاشقانلارنى زەخىملەندۈرۈشنى مەنئى قىلىشنىڭ سەۋەبى. بۇنىڭدىن سىرت بۇتخانا ئىچىدىكى 20 مىڭ چاشقان ئارىسىدىكى ئاق رەڭلىك چاشقان ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ساياھەتچىلەرنىڭ چاشقانغا تاشلاپ بەرگەن يېمەكلىكلىرىمۇ مۇقەددەس نەرسە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەر چاشقان تەرىپىدىن چىشلەپ قويۇلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئىخلاسمەن مۇرىتلارنىڭ قىممەتلىك يېمەكلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
27 ياشقا كىرگەن گېرمانىيە فوتوگراف نىكولاس يېقىندا چاشقانلار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە چاشقانلارنىڭ پۇتى ئاستىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشى ھەقىقەتەن بىرئاز قورقۇنچلۇق ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved