ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 4- يانۋار ھىندىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن 6.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 گە يەتكەن بولۇپ، يارىلانغانلار 110 كىشىگە يەتكەن.
مانىپۇل شەھىرىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاپەت بۇ شەھەرگە ئېغىر زىيان ئەكەلگەن بولۇپ،ساقچىلار ۋە ھەربىيلەر ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىمۇ بۇ رايوننىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 4- يانۋار سەھەر سائەت 4 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، ھىندىستاننىڭ شىمالىدا 6.8 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 6 كىشى ئۆلگەن، 110 نەپەردىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، يەنە نۇرغۇن جايلاردىكى ئۆيلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
شۇ جايدىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇ جايدا دائىم يەر تەۋرەيدىغان بولغىنى بىلەن، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى يەر تەۋرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن، ئۆلگەن ۋە يارلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ خىش-كېسەكلەر ئاستىغا بېسىلىپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved