بۇ يىلدىن باشلاپ كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرى ۋە ئەپ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ يانفون سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP باشچىلىقىدىكى كۈچلەر Android سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمنى باشلاپ، iOS سىستېمىسى بىلەن Android سىستېمىسىنىڭ مونۇپۇللۇق ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولدى.
(IT دەۋر ژۇرنىلى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى باھالىغۇچىسى لىن جىجۈن) يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى يانفون سىستېما ساھەسىدە Android بىلەن iOS دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەت شەكىللەندى، باشقا مەشغۇلات سىستمىلىرى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ كەلدى، ھەتتا مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسىمۇ ھەم شۇنداق. بىراق بۇ يىلى بارلىق يانفون مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ ئەھۋالىدا ئازراق ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ئېھتىمال بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۈزۈن مۇددەتتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە ئېغىر زەربە بولىشى مۇمكىن.
ئۆتكەن يىلى، سامسۇڭ Intel بىلەن ھەمكارلىشىپ يېپيىڭى مەشغۇلات سىستمىسى ”Tizen“ نى ياساپ چىقتى، بەلكىم بۇ يىل شۇ سىستېمىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ يىلدىكى CES(ئېلىكتىر ئىستىمال كۆرگەزمىسى)دە سامسۇڭ WP8 گە ئوخشاپ قالىدىغان يانفون سىستېما كۆرۈنمە يۈزى“Magazine-UX“نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ”Tizen“ ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە LG مۇ CES دە WebOS سىستېمىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، مېيزۇمۇ Ubuntu سىستېمىسىدىكى يانفۇنلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، Android نى چۆرۈۋىتىش نىيىتىنى ئىپادىلىدى.
CES دىكى بايقاشلاردىن باشقا، مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت ئىككى مىليارد 600 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، سامسۇڭ، خۇاۋىي، سونىي، قاتارلىق يانفون سودىگەرلىرىنىڭ WP يانفونىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى بىلەن شاڭخەي لىيەنپىڭ شىركىتى ھەمكارلىشىپ جۇڭگو ئۆزى مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ چىققان تېلېفون سىستېمىسى COS نى ياساپ چىقتى.
بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى پۇشتى، بۇنچە كۆپ تېلېفون شىركەتلىرى ياكى يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى نېمىشقا ئۆز ئالدىغا يانفون سىستېمىسى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ؟ Google نىڭ Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەقسىز، يەنە كېلىپ يانفون شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ يانفون كارخانىلىرى بىراقلا يۈز ئۆرۈپ Android دىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ؟
ھەربىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ، كۆپلىگەن يانفون ياساش شىركەتلىرىنىڭ Android نى تاشلىۋېتىشىمۇ مەلۇم ئەھۋالدىكى ئىلاجىسىزلىقتىن بولغان.
Google نىڭ موتورولانى سېتىۋېلىشى شېرىكلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتكەن.
Apple نىڭ iPhone نى كەڭ تورداشلارنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشىگە سازاۋەر بولغان دەملەردە، Android بىر قانچە چوڭ تېلېفون شىركەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر پۈتۈن Android ئېكولوگىيىسىنى قۇرۇپ بىرلىكتە ئالمىغا تاقابىل تۇردى. بىر مەزگىل Android سىستېمىسى بىلەن iOS سىستېمىسى كۈچ باراۋەرلىك ھالىتى شەكىللەندى، سامسۇڭ بىلەن HTC مۇ Android قا تايىنىپ تېز سۈرەتتە قەد كۆتۈرۈپ چىقىپ Android تېلېفون بارىگاھىدىكى تۇنجى زەربىدار قوشۇنغا ئايلاندى.
بىراق، ئاچكۆز Google يانفېن سىستېما ساھەسىگە قانائەت قىلماي، 2011-يىلى موتورولانى سېتىۋىلىپ يانفون قاتتىق دېتال ساھەسىگە قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ Google يانفونلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولدى.
Google نىڭ بۇ قىلمىشى سامسۇڭ، HTC ۋە LG قاتارلىق يانفون ياسىغۇچىلارغا قاتتىق ھار كەلدى. چۈنكى Google موتورولانى سىتىۋالغان شۇ كۈندىن باشلاپ، Google نىڭ سامسۇڭ قاتارلىق يانفون شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمكارلاشقۇچىدىن يېرىم رىقابەتچىگە ئۆزگەردى. ناۋادا بىر كۈنلەردە Motorola باشقا يانفون شىركەتلىرى بىلەن تەڭلىشەلمىسە ، Google پاتنېت دىگەن بۇ كوزۇرىنى چىقىرىپ باشقا يانفون كارخانىلىرىنى موللاق ئاتقۇزۇپ، موتورولانى يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزالايدۇ.
گەرچە Google ھازىرغا قەدەر بىرەر يانفون شىركىتىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى پاتنېت ھەققى ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن Google نى بۇندىن كېيىنمۇ ھەق ئالمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟ تېلېفون پاتنېت ھەققىگە ھېچقايسى بىر يانفون سودىگەرلىرى ئىلنىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، HTC گە قارىسىلا قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقايسى يانفونلارنىڭ ياسىغۇچىلىرى ئەگەر مادارى يەتسىلا Google نىڭ Android بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئۆزىنىڭ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىشىنى زۆرۈر دەپ قاراشقان.
Android سىسىتېمىسىنىڭ Bug (يوچۇق) لىرىمۇ كارخانىچىلارنى ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان
Google نىڭ موتورولانى سېتىۋىلىش ئىشىدىن باشقا، Android نىڭ ئۆزىنىڭ بەزى مەسىلىلىرىمۇ كۆپلىگەن كارخانىچىلاردا Android دىن ۋاز كېچىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقتىن، كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرىنى قوللاش لازىم بولىدۇ، بىراق ھەر بىر كارخانىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە ئىدىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، Android سىستېمىسى ھەر بىر كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. گەرچە ھازىر ھەر بىر كارخانا ئىپتىدائىي Android سىستېمىسى ئاساسىدا تۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، Android سىستېمىسى يەنىلا تۈرلۈك مەسىلىلەردىن خالىي بولالمىغان، ئوخشىمىغان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ ھېس تۇيغۇسىدىكى پەرقلەرمۇ مۇشۇنىڭدىن باشلىنىپ زورايغان.
بىر يانفون كارخانىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان: خېرىدارلار Android تېلېفونغا ئەپ قاچىلىغان ۋاقتىدا، ئەپ ئېچىلماسلىق ياكى قېتىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىشلەتكۈچى Android سىستېمىسىدىن ئاغرىنماستىن ئەكىسچە بۇ خىل يانفون بەكلا ناچاركەن دەپ ھېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئىشلەتكۈچى بۇ تېلېفوننى ئىشلەتمەي تاشلىۋىتىشى مۇمكىن، شۇڭا Android نىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر يانفون كارخانىلىرىغا ئۇۋالچىلىق ئىلىپ كەلگەن.
گەرچە Google شىركىتى Android قا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ھەرخىل يوچۇقلارنى رېمونت قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئەپ ئاچقۇچىلار نەزىرىدە Android نىڭ ئاتالمىش يېڭىلاش دېگىنى «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» ھەرىكەتتىنلا ئىبارەت، ئۇ ھەرگىز نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، ئىشلەتكۈچى تېلېفوننى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەن ئەپلەر كۆپەيگەنسىرى تېلېفوندا ھەرخىل قېتىۋىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا SAMSUNG نىڭ بايراقدار تېلفونلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋاللار مەۋجۇت.
ھازىر يانفون كارخانىلىرىنىڭ Android نىڭ قېتىش كېسىلىنى ئوڭشاشقا ئامالى قالمىدى، بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بولسا باشقا تېلېفون سىستېمىسىنى تاللاش ياكى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش. مۇشۇنداق بولغاندىلا، قېتىش ئەھۋاللىرىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP بولسا Android نىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى
گەرچە ھازىر نۇرغۇن تېلېفون كارخانىلىرى Android قا نىسبەتەن نارازىلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ يانفون سىستېمىلىرىنىڭ Android نىڭ ئورنىنى ئېلىشى ياكى Android بىلەن تەڭ تۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. نوكىيانى خىيال قىلىپ باقايلى، ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ MeeGo سىستېمىسىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا Android نىڭ ئورنىغا چىقالمىغان. Palm نىڭ WebOS سىستېمىسىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ ئاخىرىدا HP غا سېتىپ بېرىپ بولدى قىلغان.
ئۇنداقتا، ئۆتكەن يىلدىكى سامسۇڭ Tizen دىن جۇڭگو مۇستەقىل ياساپ چىققان COS تېلېفون مەشغۇلات سىستىمىسىغىچە قايسى Android بىلەن ئېتىشالىغۇدەك بىڭسى بار، قايسى Android قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرنىڭ تەھلىلىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنجى، سامسۇڭنىڭ Tizen سىستېمىسى. بۇ سىستېما باشلىنىشىدىنلا ئادەتتىكىچە ئەمەس، Intel بىلەن سامسۇڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاتامان ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققان. پەقەت سامسۇڭ تېلېفوننىڭ ئىچىدىكى سىستېمىنى تۇيدۇرماي Tizen سىستېمىسىغا ئالماشتۇرىۋەتسە، پەقەت خېرىدارلار ھىس قىلمىسىلا، سامسۇڭ ھازىرقى سېتىش مىقدارىغا تايىنىپ، Tizen سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئالدىنقى ئۇچكە ئېلىپ چىقالىشىدا گەپ يوق.
ئىككىنجى، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى. بەزىلەر بەلكىم، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى چىققىلىمۇ نەچچە يىل بولدى، ھېچ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى، يەنىلا بولدى قىلغان ياخشى دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر سىلەر راستىنلا مۇشۇنداق ئويلىغان بولساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر، چۈنكى مىكروسوفتنىڭ بۇ يىل ئاچچىغى ھەقىقەتەن يامان، ئۇلار بۇ يىل قاراپ تۇرۇپ زور مەبلەغ چىقىرىپ سامسۇڭ، HTC، خۇاۋىي قاتارلىق يانفون شىركەتلىرىنى WP سىستېمىسىنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى. ئەگەر بۇ ئۈچ شىركەتكە نوكىيا قوشۇلسا، WP سىستېمىسى خېلىلا زور بىر كۈچكە ئىگە سىستېمىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا بازار ئۈلۈشىدە ئالدىنقى ئۈچىنجى رەتكە تىزىلىش ئاسانلا بىر ئىش بوپقالىدۇ.
باشقا WebOS سىستېمىسى، جۇڭگۇنىڭ COS سىستېمىسى، FirefoxOS سىستېمىسى قاتارلىقلاردا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىمچە ئۈمىد چوڭ ئەمەس، چۈنكى ھازىر بۇ سىستېمىلارنى قوللايدىغان كارخانىلار ئىنتايىن ئاز، داڭلىق تېلېفون سىستېمىسى بولۇشى مەنچە مۇمكىن ئەمەس.
گەرچە بۇ يىل نۇرغۇنلىغان يانفون سىستېمىلىرى Android قا ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن Android قا بېسىم ئىلىپ كېلەلەيدىغىنى يەنىلا Tizen بىلەن WP. ئۇ ئىككىسىنىڭ بازار ئىگەللىشى Android نىڭ بازار ئۈلۈشىگە يېقىنلىشالامدۇ يوق، بۇنىڭدا يەنىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ يىلدىكى ئىپادىسىگە قارايمىز.
IT دەۋر ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved