پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى 3-0 لىۋىرپول كۇلۇبى. بىرلەشمىدە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلدى. ماتا توپ كىرگۈزدى، ياردەمچى پاس بەردى】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:30 ئۆتكەندە، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىدىكى ھەممىنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن بىر مەيدان مۇسابىقىسى « قىزىل ئالۋاستى » مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بىلەن « قىزىل ئارمىيە » لىۋىرپول كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا رۇنى مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى. كەينىدىنلا ماتا نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. كېينكى يېرىم مەيداندا ۋان پېرسى قايتارما ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى بەلگىلەپ بولدى. مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ قاپقاۋۇلى دېگىئا يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ بىر نەچچە چوقۇم كىرىدىغان توپىنى توسۇۋالدى. ئاخىرىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ بىتمرلەشمىدە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
【ئا س مىلان كۇلۇبى 2-0 ناپالۇس كۇلۇبى. مېرنى توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئا س مىلان كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ناپالوس كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مېرنى بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىرناۋىنتۇرا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. دىيوگو لوپىس كۆپ قېتىم قارشى تەرەپنىڭ چوقۇم كىرىدىغان توپىنى توسۇۋالدى. ئاخىرىدا ئا س مىلان كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن ناپالۇس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【مادرىد رىقابەت كۇلۇبى 0-1 بىلىيالار كۇلۇبى. خان مادرىد كۇلۇبىدىن يەتتە نومۇر كەينىدە قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانى قاردلۇن توپ مەيدانىدا بىلىيالار كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ماندۇزىك نىڭ كىرگۈزگەن توپى ئىناۋەتسىز بولدى. ۋىراتۇ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشى ئالدىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا مەغلۇبىيەت سوۋغا قىلدى. ئاخىرىدا 0-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ نومۇر تاختىسىنىڭ 3-بولۇپ خان مادرىد كۇلۇبىدىن 7 نومۇر كەينىدە قالدى.
【پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى 0-1 گۇينگام كۇلۇبى. پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىرلەشمىدىكى تۇنجى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىلەن گۇينگام كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 90 مىنۇتلۇق قىزغىن مۇسابىقىدىن كېيىن پارىژ سانت گېرمان كۇكۇبى 0-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدىكى ئۇتتۇرماسلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.
【ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 6-0 ئارگىنتا ئاياللار دۆلەت كوماندىسى. جاڭ رۈي قالپاق كەيدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 ئۆتكەندە بىرازىلىيە ئاياللار پۇتبولى تۆت دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگۇ ئاياللار دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا ئاياللار دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ۋاڭ شۇاڭ بىلەن تاڭ جىيالى بىردىن توپ كىرگۈزدى. زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان گۇ ياشا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىككى ياردەمچى پاس بەردى. جاڭ رۈي ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق كەيدى. ئاخىرىدا جۇڭگۇ ئاياللار دۆلەت كوماندىسى 6-0 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا ئاياللار دۆلەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
【ۋورفۇس قەلئەسى كۇلۇبى 1-1 پادىبورن كۇلۇبى . يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا. جاڭ شىجې مۇسابىقە كۆردى.】
12-ئاينىڭ 15-كۈنى 0:30 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى جۇڭگۇ توپ مەستانىلىرى ناھايىتى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋورفۇس قەلئەسى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا پادبورن كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ بىر خائىن توپ كىرگۈزۈشى ۋە مىيا نىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مۇسابىقە 1-1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىپ ۋورفۇس قەلئەسى كۇلۇبى يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدىن 9 نومۇر كەينىدە قالدى.
ۋورفۇس قەلئەسى كۇلۇبىغا قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگۇلۇق توپچى جاڭ شىجې نەق مەيداندىن بۇ مۇسابىقىنى كۆردى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مۇسابىقە جەريانىدا ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم ئېكران كۆرۈنىشى بەردى.
باشقا مۇسابىقىلەر:
يۇۋىنتىس كۇلۇبى1-1 سامپۇس كۇلۇبى. يۇۋىنتىس ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلالمىدى.
رىم كۇلۇبى 1-0 رىنىيە كۇلۇبى.
موناكۇ كۇلۇبى 1-0 مارسەي كۇلۇبى
خانلىق جەمئىيىتى كۇلۇبى 1-1 بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى.
ۋولكىسىن كۇلۇبى 1-1 مېنسىن كۇلۇبى
بولتۇ كۇلۇبى 0-2 بېنفىكا كۇلۇبى
ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى 2-1 گىرانادا كۇلۇبى
سەرۋىيا كۇلۇبى 0-0 ئېلۋا كۇلۇبى
پارما كۇلۇبى 0-0 نارىيانا كۇلۇبى
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved