ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى ئىنورى ئونودېرا شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تېكساس ئىشتاتىدا F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
ياپونىيە ‹‹ ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› نىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى ئىنورى ئونودېرا شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تېكساس ئىشتاتىدا F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان . ئىنورى ئونودېرا ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ياپونىيە ئاۋىياتسىيەسى ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى ئەسلىدە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن 42 دانە سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان ، ئەگەر ھەربىر ئايروپىلاننىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىسە، سېتىۋېلىش سانىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن .
‹‹ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› دە مۇنداق دېيىلدى : F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەڭ ئىلغار ئايرۇپىلان بولۇپ ، رادار ئاسانلىقچە كۆزىتەلمەيدىغان دەرىجىدە يۇشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بىلەن ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى F-4 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىكەن .
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved