12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا يېڭى شەھەر ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئايالى يوقاپ كەتكەنلىكىدەك دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېزلىكتە شيا ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. شيا ئەپەندىم شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئايالى خۇنىڭ يوقلىقى، ئۆيدە پەقەت مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئىككى پەرزەنتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بالىلىرىدىن ئاپىسىنى سورىغان. بالىلىرى مەكتەپتىن كەلگەندە ئىشىكنىڭ قۇلۇپلاقلىقى، ئاپىسىنى ئىزچىل كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. شيا ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ھەممىسى خۇنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. شيا ئەتراپنى بىر ئىزدىگەندىن كېيىن يەنىلا ئايالىنى تاپالمىغاچقا ئامالسىز 110 غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغان.
ساقچىلار شيانىڭ ئۆيىگە كېلىپ تەپسىلىي كۆزەتكەن. شيا ئايالىنىڭ ئازراق «دۆتلىكى»، ھەتتا تېلېفون ئىشلىتىشنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئەجىبا تالادا ئېزىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟»، ئۇ كۈنى ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ تېمپېراتۇرا ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئەگەر خۇ ۋاقتىدا تېپىۋېلىنمىسا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى. ساقچىلار تېزدىن ئىككىگە بۆلىنىپ خۇنى ئىزدىگەن.
ساقچىلار كۈچلۈك تۇماندا ئىككى سائەتكە يېقىن ئىزدەپ ئاخىرىدا بىر كىچىك ئورمانلىقتىن ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ھالىدىن كېتەي دېگەن خۇنى تاپقان. خۇ ساقچىغا ئەتىگەندە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولۇپ سىرتقا چىققانلىقى، تۇغقىنىنىڭ ئۆيى يىراق، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تۇمانمۇ كۈچلۈك بولغاچقا مېڭىۋېتىپ يولدىن ئېزىپ قالغانلىقى، بىر كۈن مېڭىپمۇ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىمۇ تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved