تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-مارتتىكى خەۋىرىدە .ئېيتىلىشىچە فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يوننې ئۆلكىسىدە 10 مارت يېرىم كېچىدە قوراللىق بۇلاش دېلوسى يۈز بەرگەن .10 نەچچە بۇلاڭچى ئۈنچە مەرۋايىت توشۇپ ماڭغان ئىككى ئاپتوموبىلدىن قىممىتى 9 مىليون ياۋرو تەخمىنەن 60 مىليون خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدىغان مال مۈلۈكنى بۇلاپ كەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بۇ دېلو فرانسىيەنىڭ 6-نومۇرلۇق تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يوننى ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى بىر ھەق ئېلىش پونكىتىدا يۈز بەرگەن .10 نەچچە قوراللىق بۇلاڭچى ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىدىكى ئۈنچە مەرۋايىتلارنى بۇلىغان .ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان .بۇلاڭچىلار ئۈنچە مەرۋايىت توشۇپ ماڭغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلدىن جەمئىي 9 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى مال مۈلۈكنى بۇلاپ كەتكەن .بۇلاڭچىلار باشقا تۆت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ھەم بۇ ئىككى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ 6-نومۇرلۇق تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىن قېچىپ كەتكەن .ئارقىدىن ساقچى تەرەپ يوننى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئوركىسېر شەھىرى ئەتراپىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىككى ئۈنچە مەرۋايىت توشۇش يۈك ئاپتوموبىلنى تاپقان .ساقچى تەرەپ زور مىقداردىكى ساقچى كۈچى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يۇننىي ئۆلكىسى ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكىلەردە بۇلاڭچىلارنى تۇتۇشقا كىرىشكەن . خەۋەرگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئادەمنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved