لەگلەك تورى تەرجىمىسى، شىنخۇا تورى 24 -ئىيۇل خەۋىرى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كۆپ خىل چارە - تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەنەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە « كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش ۋاقىتلىق نىزامى »نى تەستقلاپ، ئادىل رىقابەتكە تولغان بازار مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.
يېغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانىلار ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھۈجەيرىسى. ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ پۇل ئامانەت - قەرز ئومۇمىي مىقدارى ئاز ئەمەس، بىراق كارخانىلار، بولۇپمۇ، ئۇششاق، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس، تەنەرىخى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشتەك قۇرۇلما خارەكتېرلىك مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭا كۆپ خىل چارە - تەدبىرلەرنى بىلەشتۈرۈپ، ماھىيەتىنمۇ ھادىسىدىنمۇ تۈزەش، قۇرۇلما خارەكتېرلىك ئىسلاھات ۋە تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved