18-دېكابر، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى يۈخۇڭ رايونى خۇڭ تىيەنسۈي باغچى رايونىدا، ئىككى يۈز نەچچە ئائىلە ماشىنىلىرىنىڭ بالونى تېشىۋېتىلگەن، زىيانغا ئۇچرىغان ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى دېلونى قىممىتى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە توختىغان. ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنى ماشىنا بالونىنى تېشىۋەتكەن ئادەمنىڭ كىملىكىنى تاپالمايلا قالماستىن، خوجىلىق ئورنىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىز قالغان. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.
باغچا ئىچىدىكى نازارەت قىلىش سىنئالغۇ كۆرۈنىشىدىن كۆرسىتىلىشىچە، سەھەردە، بىر نەپەر دېلو سادىر قىلغۇچى ماسكا تاقاپ بىر پىبالون بىلەن بالوننى تەشكەن. ساقچى تەرەپ دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ سەھەر سائەت ئۈچتە باغچا رايونىدا پەيدا بولۇپ ماشىنىنىڭ بالونىنى تەشكەنلىكىنى پەرزە قىلغان.
باغچا رايونىدىكى قاتار كەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىتىش ئورۇنلىرى مەزكۇر رايوندىكى يول يۈزى بويىغا سىزىلغان، بەزى ئورۇنلاردىكى ماشىنىلارنىڭ سىرتقا قارىتىپ توختىتىلغان تەرەپتىكى ئىككى بالونىنىڭ ھەممىسى تېشىۋېتىلگەن، بەزى ئورۇندىكى ماشىنىلارنىڭ تۆت بالونىنىڭ ھەممىسى تېشىۋېتىلگەن.
تاكى مۇخبىر خەۋەر بەرگەنگە قەدەر، خوجىلىق ئورنى تۆلەم بېرىشكە ئۇنمىغان. شۇنىڭ بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى شۇ كۈنى «بالوننىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈندىدار توپى» قۇرۇپ، خوجىلىق ئورنىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى بولسا 1900 يۈەنلىك بالون ئىستېمال ھۆججىتى چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved