پۇتبول دۇنياسى ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر

【لىۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى. سىتىرىن ئىككى توپ كىرگۈزدى.】

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشقش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى لىۋىرپول كۇلۇبى بىلەن بورنماس كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. لىۋىرپول كۇلۇبىدىن سىتىرىن ئىككى توپ كىرگۈزدى. مارۋىچ بىر توپ كىرگۈزدى.  لىۋىرپول كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىردى.

 

【دورتمۇند كۇلۇبى 2-2 نەتىجە بىلەن بۆرە قەلئەسى كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. يەنىلا دەرىجە چۈشۈرۈش رايۇنىدا تۇرماقتا.】

 

12-ئاينىڭ 18-كۈنى دورتمۇند كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا كۈچلۈك رەقىبى بۆرە قەلئەسى كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىمموبىل بىر توپ كىرگۈزۈپ دورتمۇند كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كۆپ ئۆتمەي بۆرە قەلئەسى كۇلۇبىدىن دىبران ئىختىيارى توپ ئارقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىمموبىل يېرىم مەيداندىن دولقۇنسىمان توپ كىرگۈزدى. بۆرە قەلئەسىدىن نالدو كاللا توپ ئارقىلىق نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا دورتمۇند كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-2 نەتىجە بىلەن ۋولفۇرسبۇرگ بۆرە قەلئەسى كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ يەنىلا دەرىجە چۈشۈرۈش رايۇنىدا تۇرماقتا.

 

【توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى 4-0 نىيۇكاستىل كۇلۇبى. بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش تۆت كۈچلۈككە كىردى.】

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا نىۇكاستىل كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىدىن ئايرىم تۆت توپچى بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن نىيۇ كاستىل كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىردى.

 

 

【بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى : چېلسىي كۇلۇبى بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبى ئۇچرىشىپ قالدى.】

 

بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى: چېلسىي كۇلۇبى بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبى. توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى بىلەن سىفىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى. 

بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشقشنىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

 

【سان لورېنزو كۇلۇبى غەلبە قىلدى. ھەل قىلغۇچتا خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.】

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 3:30 ئۆتكەندە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالششىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر مەيداندىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ چېمپىيۇنى سان لورىنزو كۇلۇبى بىلەن ئوكېئانىيە قىتئەسىنىڭ چېمپىيۇنى ئوكرائىنا شەھىرى كۇلۇبى مۇسابىقىلەشتى.ئاخىرىدا ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىدىكى قاتتىق تىركىشىش ئاستىدا سان لورىنزو كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئوكرائىنا شەھىرى كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە  كىردى. خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن سان لورىنزو كۇلۇبىنىڭ ھەل قىغۇچ مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

 

【ئاسىيا قىتئەسىنىڭ چېمپىيۇنى سىدنىي سەرگەردانلار كۇلۇبى نۇقتا توپ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ 6-بولۇپ قالدى.】

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 00:30 ئۆتكەندە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 5- بىلەن 6- نى تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ چېمپىيۇنى سىندىي سەرگەردانلار كۇلۇبى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ چېمپىيۇنى سادىف كۇلۇبى بىلەن ئوينىدى. ئاخىرىدا ئىككى كوماندا 90 مىنۇتلۇق قىزغىن ئېلىشىشتىن كېيىن 2-2 تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭى باشلاندى. سىدنىي سەرگەردانلار كۇلۇبى 4-5 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ 6-بولۇپ قالدى.



خەتكۈچلەر:
18-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek