جۇڭگو نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدۇ؟

     يېقىندا، جۇڭگونىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىدا يېرىم يىل ئەتراپىدا سىناق قىلىنغاندىن كىيىن، رەسىمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەرنى كۆزىتىش سىستېمىسىدىكى نۇقتىلىق مەخسۇس قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلىشى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەرنى كۆزىتىش سىستېمىسى دۆلەتنىڭ مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلان پروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن 16 مۇھىم مەخسۇس تۈرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەرنى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا- ئايروپىلان، سىتراتوسفېرا قاتلىمىدىكى دىرىژابىل، ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئىلغار كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە ۋە باشقا كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن كۈن، بارلىق ھاۋا شارائىتىدا پۈتۈن يەر شارىنى قاپلايدىغان يەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھاسىل قىلىش. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەرنى كۆزىتىش سىستېمىسى يەنە ھازىرقى يەر يۈزىدىكى ئەسلىھەلەرنى بىرىكتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەر يۈزىنى كۆزىتىش ئىقتىدارى قوللىنىلىشى ۋە سانلىق مەلۇمات مەخسۇس مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.  

      دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟  دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ بولسا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىر قاتار سۈنئىي ھەمراھلار ئىچىدىكى ئۈچىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ، باشقا سۈنئىي ھەمراھقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم قويۇپ بەرگەن يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدىكى پەرق ئېتىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئوپتىكىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ، يەر شارى بويىچە بوشلۇق كەڭلىكى ئەڭ چوڭ، ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يەر شارى ماس قەدەملىك سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى سۈنئى ھەمراھنىڭ «ئاسمان كۆزى» دەپ ئاتايدۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ۋە كەلگۈسىدىكى قوللىنىشى، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش يەرنى كۆزىتىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

     يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېغىرلىقى بەش توننا، لايىھىلەنگەن ئىشلىتىش ئۆمرى سەككىز يىل بولۇپ، بۇ سۇنئىي ھەمراھ يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا ھەركەت قىلغاچقا، كۆزىتىش دائىرىسى جۇڭگو ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچتىن بىر قىسىم يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ نىشان بوشلۇقىدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گېئولوگىيىلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش، دەسلەپكى مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، دېڭىز-ئوكيان كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇماتى توپلايدۇ. بۇ سۇنئىي ھەمراھ كەلگۈسىدە جۇڭگو دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، يەر تەۋرەش ئىدارىسى، دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

    يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ جۇڭگونىڭ «شەرق شامىلى-21D» ناملىق ئاۋىئاماتكا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ.

     يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ دەسلىپىدىلا بىر قەدەر كۈچلۈك ھەربى ئشلاردا ئشلىتىش مەقسىتى بار بولۇپ،  بۇ جۇڭگودىلا ئەمەس خەلقئارادىكى يەر ۋە دېڭىزنى يىراقتىن سېزىش كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى لايىھىلەشتە ھەربىي ئىشلاردىكى رولى تولۇق پىلانلانغان بولىدۇ. جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلىتىش ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھمۇ مۇھىم بولغان ھەربىي ئىشلاردىكى رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ. خۇددى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىتىش ئورنى دەل جۇڭگونىڭ «شەرق شامىلى-21D» ناملىق پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا خىزمەت قىلىپ ئاۋىياماتكىغا قارشى تۇرۇش.

        باشقا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزىدىن 36 مىڭ مېتىر ئىگىز بولغان يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئوربىتا ئېگىزلىكى يۇقىرى، بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، باشقىلار ئاسانلىقچە ھۇجۇم قىلالمايدۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئىنتايىن مۇھىم بولغان يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئىنفرا قىزىل نۇر سېپىكترلىك پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 400 مېتىر، كۆرۈنىدىغان سپېكتر بۆلىكىدىكى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 50 مېتىر، يەنى بۇ سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزىدىن 36 مىڭ مېتىر ئېگىز بولغان يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا تۇرۇپ، دېڭىزدىكى ساياھەت پاراخوتىنى كۆرەلەيدۇ.

     مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى نىشانلارنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ «شەرق شامىلى-21D» ناملىق پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا خىزمەت قىلىپ ئاۋىياماتكىغا قارشى تۇرۇشتا باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە.



خەتكۈچلەر:
20-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek