ھامىلىدار ئايالنىڭ ئالاھىدە ماھارەتلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى

ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى سانىغا ھامىلىدار بىر ئايالنىڭ يوغان قورسىقى بىلەن قىيىنلىقى دەرىجىسى يوقىرى بولغان سېرك ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى بېسىلغان . سۈرەتتىكى باش قەھرىمان 39 ياشلىق ئايال مىچېل ئارۋىن بولۇپ ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى خانىشلار رايونىدىن كەلگەن سېرىك ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئارتىسى ، بوشلۇقتا ئۇچۇش ماھىرى ئىكەن . بىر ئاي ئىلگىرى ، ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغان مىچېلنىڭ فوتوگرافى ئۇنىڭ بوشلۇقتا ئىشلىگەن قىيىنچلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھەر خىل ماھارەتلىرىنى سۈرەتكە ئالغان .


سۈرەتتە مىچېل تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ ، كەسىپداشلىرىنىڭ ياردىمىدە بوشلۇقتا بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ ئېسىلىپ تۇرغان ، ئۇنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققان قورسىقى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان . يەنە بىر سۈرەتتە ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقىنى نامايان قىلىپ ، ئىنچىگە چىۋىق ئۈستىدە ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئۇنىڭ مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى 26-ئاۋغۇست بولۇپ ، ھامىلدار بولۇپ 39 ھەپتىگىچە ئۇ ئىزچىل تۈردە ئۆمەكنىڭ مەشىقىگە قاتنىشىپ كەلگەن .


مىچېلنىڭ ئۇسسۇل كەسپى بىلەن شوغۇللانغانلىقىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن . ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن : مەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىمدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان سۈرەتلەرگە چۈشكۈم بار . گەرچە ھامىلىدار بولساممۇ ، بەدەن شەكلى ۋە كۈچ مەشىقىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ، سالامەتلىكىم ئىزچىل ياخشى بولدى ، لېكىن بۇ خىزمەتنى قىلسام روھىي ھالىتىم ناھايىتى ياخشى بولۇپ قالىدۇ ، مەن پەقەت ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىشنىلا ئويلايمەن . يەرلىكتىكى تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرلىرى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ياردەملەشكۈچىلەر ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئېھتىيات قىلسىلا ، بۇ ھەرىكەتلەر ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، دەپ قارىغان . شۇڭا ئۇ دوختۇرنىڭ تاپىلىشى بويىچە ، مارافون ۋە چوڭقۇر سۇدا ئۈزۈش قاتارلىق ھامىلىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختاتقان .


ئۇنىڭ بىر يېقىن دوستى توردىن ئۇنىڭ يوغان قورسىقى بىلەن قىيىنلىقى دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن سۈرىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ، لېكىن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز قالدۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە بىر تورداش مۇنداق دېگەن : بەك قالتىسكەن ، بوۋاق بىلەن ئاپىسى بىرلىكتە ھەرىكەت ئىشلەپتۇ ئەمەسمۇ ! . ئۇ ئىشلەۋاتقان ئۆمەكنىڭ باشلىقى بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹ تارىختىكى ئەڭ ھېسسىياتچان ئانا ›› دېگەن .



خەتكۈچلەر:
09-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek