«كەلگۈسىدىكى تور» تېخنىكا تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دېيۋىد كامېرون ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليۇن فوند ستېرلىڭ مەبلەغ سەرپ قىلىپ 2017-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە بارلىق پويىزلاردا ھەقسىز سىمسىز تور بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ ھەپتىلىك «باش ۋەزىرگە سۇئاللار» پروگراممىسىدا سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە بۇ «ھەقسىز سىمسىز تور ئارقىلىق پويىزلارنى تورلاشتۇرۇش پىلانى» نى ئاشكارىلىدى.
باش ۋەزىر: 2017-يىلىدىن باشلاپ ھەممىمىز، بۈيۈك برېتانىيىنىڭ بارلىق پۇقرالىرى مەملىكەت تەۋەسىدىكى بارلىق پويىزلاردا ھەقسىز سىمسىز توردىن بەھرىمەن بولىمىز. ھۆكۈمەت بۇ تۈر ئۈچۈن 50 مىليۇن فوند ستېرلىڭ ئاجرىتىپ قويدى.
11-فېۋرال، 2015
تۋېتتېر، فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى ھەققىدە قىزغىن تالاش-تارتىشلار بولماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved