تېررورلۇق ھۇجۇمى نېمىشقا پارىژدا يۈز بېرىدۇ؟

چىيەنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند سۆز قىلىپ: ‹‹بۇ شەك-شۈبھىسىزكى بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى›› دېدى. خوللاند مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيەدە يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە بىر نەچچە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستى تارماق قىلىندى، فىرانسىيە ھۇشيارلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش تېررولۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. فىرانسىيە زۇڭلى مەھكىمىسىمۇ ئارقىدىنلا پارىژنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

تېررورلۇق ھۇجۇمى نېمىشقا پارىژدا يۈز بېرىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە پارىژ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. بېكەتلەر، ئايرودۇرۇملار ۋە ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا دائىم تولۇق تەييارلىقتىكى ساقچىلارنىڭ چارلاپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پارىژدىكى ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسى بولغان ئېيفېل مۇنارى يېقىنقى بەش يىلدا كۆپ قېتىم ساختا بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

فىرانسىيەدە ياۋروپا بويىچە مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ، فىرانسىيە تارىختا مۇستەملىكە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئەنئەنىۋى ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، فىرانسىيەدە تەخمىنەن 6 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىكەن. يېقىنقى نەچچە يىلدا فىرانسىيە ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە لىۋىيەدىن تارتىپ ئافرىقىنىڭ مالىغىچە، ئاندىن ئوتتۇرا شەرقتىكى سۇرىيە ۋە ئىراققىچە ئاكتىپ سىڭىپ كىرگەن، شۇڭا تەبىئىيلا ‹‹چەتتە قاراپ تۇرۇش›› قا ئامالسىز. غەربىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ فىرانسىيەلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش دېلولىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيەدە نۇرغۇن كىشى رادىكال تەشكىلات ‹‹ئىسلام خەلىپىلىكى›› گە قاتناشقان، ئەنگلىيەلىك تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىككى نەپەر رادىكال ئۇنسۇرنىڭ دەل فىرانسىيەلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

فىرانسىيەدە بۇلتۇر دېكابىردا ئۇدا 3 كۈن ساقچىغا ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بار. گەرچە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ 3 دېلونىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى نەپەر جىنايەتچى ‹‹ئاللاھنىڭ تەڭدىشى يوق›› دەپ توۋلىغان، شەك – شۈبھىسىزكى بۇ ئىسلام رادىكال تەشكىلاتىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋائۇلس بۇنىڭدىن ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر دەرىجىدىكى تېررولۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا بايان قىلغان.

نېمىشقا ‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› ھۇجۇم ئوبيېكتى بولىدۇ؟

‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› فىرانسىيەدىكى داڭلىق ساتىرىك ژۇرنال، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋاللارنى كىنايە قىلىش ئەنئەنىسى بار، داڭلىق ‹‹ئۆردەك ئاۋازى گېزىتى›› مۇ ئاساسلىقى سىياسىي شەخسلەرنى مەسخىرە ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، كۆپ قېتىم سوتقا ئەرز قىلىنغان. ‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› بولسا تېخىمۇ قاپ يۈرەك بولۇپ، 2012-يىللىرى ئىسلام دىنىدىكى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمىنى سىزىپ چىققان، شۇنداقلا شۇ دەۋردە داڭق چىقارغان ‹‹چېقىلىشقا بولمايدۇ›› دېگەن فىلىمنى باش تېما قىلغان، بۇنىڭ مازاق قىلىش پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. ‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› ئىلگىرى يەنە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالىتىنى ھەجىۋىلەشتۈرۈپ سىزىپ چىققان.

‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› دىنغا ئالاقىدار ھەجىۋى رەسىملەرنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىغان، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئىشخانىسى كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا ‹‹چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› نىڭ ئاساسلىق ھەجۋى رەسىمچىلىرىدىن 4 كىشى قازا قىلغان. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەق مەيداندىكىلەر ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ‹‹بىز پەيغەمبەر ئۈچۈن قىساس ئالدۇق›› دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغان.

ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. فىرانسىيە تاراتقۇلىرى ئۇزاقتىن بۇيانقى فىرانسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىڭىپ كىرىش سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى.(

.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
11-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يېڭى ئەسكەرتىش چىقىرىپ: ئىشەنچىلىك بىشارەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تۈركىيە ساياھەت رايونلىرى تېررور...
Powered by Leglek