خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئاھالىلار رايونىدا ھەرەڭ-سەرەڭ تارتىلغان توك سىملىرى بەئەينى ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاپ قالغان.
بۇ توك سىملىرىنىڭ يېڭى دېھلىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە ياردىمى تەگسىمۇ، ئەمما پۈتۈن كۈچ بىلەن توك توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان توك ئىشچىلىرىغا نىسبەتەن، بۇ مۇرەككەپ كابېللار بەئەينى قورقۇنچلۇق چۈشتەك تۇيۇلىدىكەن. ئىشچىلار نۇرغۇن كابېللارنى ئۇلاشقا ئامالسىز قالغاچقا، شۇ يەرلىك كىشىلەر قالايمىقان تارتىلغان ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق قوشنىلارغا ياكى سودىگەرلەرگە توك يەتكۈزىدىكەن.
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، ھىندىستاندا % 22.3 ئاھالە يەنىلا توك ئىشلىتەلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved