2015-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، نەپىس ھەم تەبىئىي گۈزەل قىلىنغان گىرىملار، سالاپەتلىك كىيىملەر، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلار، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان يېقىملىق كۈلكىلەر...يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن سۈپەتلەشلەرنىڭ ئىگىسى بولسا «ئەڭ گۈزەل پىدائىيلار» دىن ئىبارەت. يېقىندا، دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت تورى يىغىنى پىدائىيلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جېجياڭ ئاخبارات ئىنستىتۇتى قائىدە يوسۇن پىدائىيلار ئەترىتىدىكى پىدائىيلار يەنە جىددىي ۋە تەرتىپلىك ھالدا مەركەزلىك تەربىيەلىنىش مەشىقىنى باشلىۋەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان پىدائىيلار نۇرغۇنلىغان تاللاشلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان ئىكەن، تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 6700 ئادەم بولۇپ، قايتا-قايتا تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 994 نەپەر پىدائىي تاللاپ چىقىلغان ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved