جۇڭگو ئاگېنىتلىقنىڭ 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىيوستوندىن بەرگەن تېلگىراممىسى، ئامىرىكنىڭ جەنۇبىدىكى تېكساس شىتاتىنىڭ چارلاش ساقچىسى بىر قېتىملىق كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئېتشىش ۋەقەسى توغرىسدا تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلماقتا.كىچىك بازار ھېنرىدا تۇرۇشلۇق 93 ياشلىق قارا تەنلىك موماي پېرلى گولدىن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنجى كۈنى بىر نەپەر دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلىشقا مەسئۇل ساقچى تەرپىدىن نەچچە پاي ئوق يەپ ئۆلۈپ كەتكەن.
گولدىن بولسا مۇشۇ بازارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاھالىسى بۇلۇپ، بۇ نوپۇسى 4600ئادەم بولغان كىچىك بازار دالاسنىڭ جەنۇبىغا 150 ئىنگىلىزمىلى كېلدىغان جايدا ئىكەن.
بۇ دېلوغا مەسئۇل تەكشۈرگۈچى خادىم سىيېگتىرنىڭ 8-چېسلا ئاخبارات ۋاستىللىرغا بىلدۈرىشچە، ئېتشىش ۋەقەسى 6-چېسلا كەچتە يۈز بەرگەن بۇلۇپ دەسلىپىدە شۇ جايدا بىرەيلەن دېلو مەلۇم قىلىپ بىر ئايال ئۆيىدە تاپانچىنى پۇلاڭلىتىۋاتىدۇ دىگەن. ھېنرى بازىرى ساقچىسى سىتىفىن سىتېم ئارقىدىنلا نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغان.
سىتىفىن ئەينى ۋاقىتتا تاپانچا كۆتۈرۋالغان گولدىننى قورال تاشلاشقا دەۋەت قىلغان، بىراق گولدىن قورالنى تاشلىغلى ئۇنمىغان شۇنىڭ بىلەن سىتىفىن ئوق چىقرىپ ئۇنى ئېتىۋەتكەن.كۆپلىگەن كۆرگۈچلەرنىڭ ئېيتىشىچە ساقچى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بەش پاي ئوق چىقارغان.بەدىنى نەچچە پاي ئوق زەربىسگە ئۇچرىغان گولدىن ئاخىرى شۇ يەرلىك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ساقچىلار گولدىننىڭ يېنىدىن بىر كونا ئۇسلۇبتىكى تاپانچىنى تېپىپ چىققان بۇلۇپ ، بۇ تاپانچا ساقچىنىڭ ئوق چىقرىشغا سەۋەب بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل دەپ قارالماقتا.نۆۋەتتە ھېنرى بازارلىق ساقچى ئىدارىسى ئاللىقاچان سىتىفىننى خىزمەتتىن توختاتقان بۇلۇپ خالىغان ۋاقىتتا تيەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرىغان.
بۇ ئىش شۇجايدىكى ئاھالىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان بۇلۇپ، زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.قوشنىلار گۇمانلىنىپ نىمە ئۈچۈن بىر ساقچى 93 ياشلىق ئادەمگە ئوق چىقرىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ دەپ غۇلغۇلا قىلىشماقتا .
گولدىن شۇ رايوندا ‹‹ئاممىباب ئانا ›› دەپ قارىلىپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېقىن كۆرۈپ‹‹ سۇرى خانىم›› دەپ ئاتايدىكەن.شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق لاۋاندا كوكىنى ئۇ ھەقتە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئۇ بىر ياخشى ئادەم ئىدى، ھەم بەك قىزغىن .گەرچە شۇ ۋاقىتتا قولىدا ھەقىقەتەن بىر قورال كۆتۈرۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا يېشى 90 دىن ھالقىغان ياشانغان ئادەم ،بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ساقچى ئوقنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتقان بولسا ئۇ بەلكىم قورال تاشلاشقا ئۇنىشى مۇمكىن ئىدى، مەن ئەينى ۋاقىتتا ساقچىنىڭ ئۇنى ئېتۋىتىش قىلمىشغا قارىتا پەقەتلا چۈشنەلمىدىم. ››
ھىنرى بازارلىق كومىسسار بىرەيىن رۇسنىڭ دەلىللىشچە،سىتىفىن ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم گولدىننى قورال تاشلاشقا دەۋەت قىلغان. رۇس مۇنداق دەيدۇ:‹‹ھەممەيلەن گولدىننىڭ ئۆلۈمىگە ئەپسۇسلىنىدۇ.مەن بۇرۇنلا شۇ يەرلىك كىشلەرنىڭ بۇ ئىشقا غۇلغۇلا قىلدىغانلقنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم .دىمسىمۇ بىر ساقچىنىڭ 93ياشلىق بىر مومايغا ئوق چىقرىشى قارىماققا تۇلىمۇ بىنورمال كۆرنىدۇ، مىنىڭچە ئاھالىلەر بۇ ئىشقا چۇقۇم سوغوققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلشى كىرەك.نىملا دىگەنبىلەن نۆۋەتتە بۇ دېلونىڭ تەكشۈرلۈشى تېخى بىر باشقا چىقمىدى،يەنە تېخى نۇرغۇن ھەقىقى ئەھۋال ئاشكارلانمىدى.›› دىدى.
رۇسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار چۇقۇم دېلونىڭ يېڭى ئىلگىرلەش نەتىجىسنى ئۇدۇللۇق ئاممىغا مەلۇم قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئەنزە ئەڭ ئاخىردا زاستاتىللا ئۆمىكنىڭ ھۆكۈم چىقرىشغا قالدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭغىچە بولغان ئارلىقتا ھىنرې بازارلىق پارلامىنىتى سىتىفىننى داۋاملىق ۋەزىپىگە قويۇشى كىرەكمۇ ياكى ئىنتىزام جازاسى بىرەمدۇ دىگەن مەسلىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved