پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 29- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان پولات ماتېرىياللارىغا بىر قاتار يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەدبىر دەل ياۋروپا ئىتتپاقى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەكشۈرىۋاتقان پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، بۇ تەدبىر قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان رېزبىلىق پولاتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ۋاقىتلىق تاموژنا بېجىنىڭ باج نىسبىتى %9.2 تىن %13 كىچە بولىدىكەن.
ياۋروپادىكى پولات-تۈمۈر كەسپىي جەمئىيىتى « ياۋروپا پولات-تۆمۈر ئىتتىپاقى » بىر پارچە باياناتتا ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ بۇ تەدبىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى 4- ئايدا ياۋروپا پولات-تۆمۈر كەسپىي جەمئىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، جۇڭگوغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېىتشقا قارشى تۇرۇش بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved