كىتاپ كىشىلەرگە بىلىم بېرىپلا قالماي يەنە كىشىلەرنىڭ خاراكتىرىنىمۇ بەلگىلىيەلەيدىكەن .تۆۋەندىكىلەردىن سىزگە بىر خىل كىتاپنى تاللاپ ئوقۇ دىسە سىز قايسى خىل كىتاپنى تاللايسىز؟
1.مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ئوقۇيدىغانلار ھېسىياتچان كېلىدۇ. بۇلار كۈچلۈك ، سەزگۈر ، ئۈمۈدۋار كېلىدۇ. ئۈمىدسىزلىكتىن تىز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان ، ھەممە ئىشنى باشتىن باشلىيالايدىغان كىشىلەردۇر.
2. تەرجىمھال ئوقۇيدىغانلار غۇرۇرى كۈچلۈك، ئېھتىياتچان، قارا نىيەت كېلىدۇ. ھەر قانداق ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئاۋۋال، ھەر خىل تاللاشنىڭ پايدا-زىيىنىنى ۋە ئۇنى قوللىنىشقا بولۇش - بولماسلىق ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
3. پالچىلىق توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلار ھېسداشلىقى كۈچلۈك، گەپ بىلەن دائىم باشقىلارنى خۇشال قىلىدىغان، قىزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى توختىماي ئوقۇپ ، سۆز تېمىسى قىلىدىغان ئادەملەردۇر.
4.گېزىت ۋە ئاخبارات ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغانلار ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ماقالىگە قىزىقسا، بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى ئىدىيىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5. رازۋېدكا ھېكايىلىرىنى ئوقۇيدىغانلار ئىدىيىدە جەڭ قىلىپ تۇرۇشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. باشقىلار يېقىنلىشالمايدىغان قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
6.قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئوقۇيدىغانلارغا نىسبەتەن تۇرمۇش بەك زېرىكىشلىك بولۇپ، تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەشنى ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ.
7. ئىقتىسادقا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلار ئادەتتىن تاشقىرى رىقابەتلىشىشكە ئامراق بولۇپ، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
8. كىيىم-كېچەك ژۇرنىلىنى كۆرىدىغانلار ئۆز سالاپىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved