ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى 29-ماي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ چېگرىسىغا يېقىن كېلىدىغان جايدىكى قىسىمىنىڭ زور كۆپ قىسىمنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى 30-ماي ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پوروشىنكونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سىلاۋىيانىسكىي شەھەر سىرتىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئەلئارا قۇراللىق خادىملارنى جازالايدىكەن.
بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل رۇسىيەنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چىگىرسىىغا ئەسكەر توپلىدى دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە رۇسىيەدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالمىغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى 29-ماي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرى چېگرا رايوندىن چېكىنىپ چىقتى، تەخمىنەن يەتتە باتالىيون ئەسكىرىلا تۇرۋاتىدۇ، تەخمىنەن 2مىڭ ئەسكەر بار.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانا چېگرىسىغا يېقىن جايدا 40مىڭ ئەسكىرى كۈچى بار. رۇسىيە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدە ھەر قانداق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە. غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەركەزلىشىشنى كۆپتۈرۋەتتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇكرائىنا چېگرىسىغا يېقىن كېلىدىغان جايدا ھەربىي مەشىق ئىلىپ بېرۋاتقان قىسمنىڭ چېكىنىپ ئۆز ئورنىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى خاگىل 29-ماي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىك خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز نەچچە مىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۇق، يەنە نەچچە مىڭ ئەسكەرنىڭ شۇ يەردە ئېكەنلىگىنى، يۆتكەلمىگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز.
رۇسىيە ئارمىيەسى چېگرا رايوندىن چېكىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى 29-ماي يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرگە قاراتقان ھەرىكىتىنى توختۇتۇشقا دەۋەت قىلدى.
خەلقئارا جەمئىيەت كىيۋنىڭ دەرھال ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى توختۇتۇشنى ھەمدە قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى كۈتمەكتە. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇكرائىناغا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
ئۇكرائىنا دائىرلىرى 29-ماي مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: ئارمىيەنىڭ بىر تىك ئۇچارى شۇ كۈنى سىلاۋىيانسىكىي شەھەر سىرتىدا ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، بىر گېنېرالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. بۇ ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنى تازلاشتا ئىككى ئايدىن بۇيان تارتقان ئەڭ ئېغىر زىيانلارنىڭ بىرى.
رۇسىيە ئاخبارات ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارمىيەنىڭ تىك ئۇچارى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى سىلاۋىيانسىكى شەھىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان، ئەمما 30-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 30-مايدىكى بومباردىمان شىددەتلىك بولۇپ، ئاساسلىقى ئەلئارا قۇراللىق خادىملار مەركەزلەشكەن شەھەر مەركىزىگە قارىتىلغان.
ئۇكرائىنادىكى ئۆكتىچىلەر بۇ يىل 2-ئايدا يانوكۇۋىچنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، سىلاۋىيانسىكى شەرقى قىسىمدىكى تۇنجى تۈركۇمدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر مۇستەقىللىق داۋاسىنى قىلغان 10 شەھەر بازارنىڭ بىرى. 4-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، بۇ سانائەت شەھىرى ئىزچىل ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ كونتىرۇللىقىدا تۈردى.
29-ماي سىلاۋىيانسىكىنىڭ خەلق شەھىرىنىڭ باشلىقى پونومارىۋ ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ يادرو تەكشۈرگۈچى 4 خادىمىنىڭ ئاخبارات يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
پونومارىۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھېچكىم ئۇلارنى قولغا ئالمىدى، بىز ئۇلارنى تۇتۇپ تۇردۇق. ھازىر بىز ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى، نەلەرگە بارغانلىقىنى ھەمدە نېمىشقا مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى تەكشۈرىمىز، كېيىن بىز ئۇلارنى قويۇۋېتىمىز.
ئۇ ئارقىدىن رۇسىيە ئاگنتىلىقىنىڭ زىيارىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە كىشى دونىستىك ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى بىر بازاردە تۇتۇپ تۇرلىۋاتىدۇ.
ئەمما ئۇكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ئالىكساندىر بوروداي مۇنداق دېدى: بىز بۇ كىشىلەرنىڭ نەگە يەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved