تۇرمۇشتا بەزىلەر ھەممە ئىشنى ئىنتايىن مۇتلەق ئويلايدۇ. كېسىپ ئېيتىدۇ. كۆز قارىشىنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىدۇ. مۇنداق قىلغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە نورمال روھىي ھالىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ.
تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ، شەيئىيلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا ھەممىنى مۇتلەقلەشتۇرۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى، ئۆزىگە چوقۇم مۇۋاپىق بوشلۇق قالدۇرۇشى كېرەك.
چۈنكى بىز ئالدىن پەرەز قىلغان نۇرغۇن ئىشلار ئەكسىچە نەتىجە بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىزدە ئۇنىڭغا يۈزلەنگۈدەك روھىي ھالەت بوشلۇقى بولمىسا زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىمىزگە بوشلۇق قالدۇرۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئاساسلىق مىزان قىلساق، ئۆزئارا يول قويساق چوڭ زىددىيەتلەرنى كىچىكلەتكىلى، كىچىك زىددىيەتلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ، زىددىيەتلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئويلىساق، شۇنداقلا بەك زىغىرلاپ تۇرۇۋالمىساق، ئۆزىمىزگە ھەرقانداق نەتىجىنى قوبۇل قىلغۇدەك بوشلۇق قالدۇرساق، ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved