نېمە ئۈچۈن يان تېلېفون نومۇرى 11 خانىلىق بولىدۇ؟

ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان 11 خانىلىق يان تېلېفون نومۇرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يان تېلېفون نومۇرى ھېسابلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن يان تېلېفون نومۇرى 11 خانىلىق بولىدۇ؟


بۇ، نومۇر ئەندىزىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىزنىڭ يان تېلېفون نومۇرلىرىمىز كودلاشتۇرۇش مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ خانىسى تور پەرقلەندۈرۈش نومۇرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت خانىسى رايون نومۇرى، ئەڭ ئاخىرقى تۆت خانىسى ئابونت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ(بۇ ئىختىيارىي تەقسىم قىلىنىدۇ). شۇڭا يان تېلېفون نومۇرىنى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلىXXXX–XXXX–1XX دىن ئىبارەت بولىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندا ھەم نومۇر بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلانغىلى، ھەم ھەرقايسى تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە رايونلارغا جانلىق تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ.


دۆلىتىمىزدىكى يان تېلېفون نومۇرلىرى دۆلەتلىك ئۇچۇر مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، 11 خانىلىق ساندا ئوخشاش بولمىغان 100 مىليارد دانە يان تېلېفون نومۇرى بولىدۇ، باشلىنىشىدىكى ‹‹1››نى چىقىرىۋەتكەندە قالغان 10 خانىلىق ساندا 10 مىليارد دانە يان تېلېفون نومۇرى بولىدۇ، ئېلىمىزدە ھەر بىر ئادەمگە يەتتە، سەككىزدىن يان تېلېفون نومۇرى توغرا كېلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە 11 خانىلىق يان تېلېفون نومۇرىنىڭ ھەممىسىلا ‹‹13››تىن باشلىناتتى، سىغىمى 1 مىليارد ئىدى، كېيىن ‹‹15››، ‹‹16››، ‹‹17››، ‹‹18›› قاتارلىق نومۇر بۆلەكلىرى كەينى – كەينىدىن قوشۇلۇپ بىر نەچچە مىلياردلىق كۆلەم شەكىللەندى. بۇ يان تېلېفون نومۇرلىرى كىشىلەرگە كەڭتاشا يېتىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە نومۇر جىددىيلىكى كۆرۈلگەندە ئىككىنچى خانىنى ئۆزگەرتىپ قويسىلا نومۇر جىددىيلىكىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. نومۇر بايلىقى جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يەنە تىجارەت ئورۇنلىرى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىلمىگەن ‹‹ئۇيقۇ ھالىتىدىكى نومۇر›› ۋە ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان نومۇرلارنى قايتا قوزغىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.


ياپونىيەمۇ بىزگە ئوخشاش 11 خانىلىق يان تېلېفون نومۇرى ئىشلىتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ھىندىستان، شىۋېيتسارىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، فىلىپپىن ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئون خانىلىق، يېڭى زېلاندىيە ۋە تايلاند توققۇز خانىلىق، سىنگاپور سەككىز خانىلىق، كانادا يەتتە خانىلىق يان تېلېفون نومۇرىنى ئىشلىتىدۇ.



18-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek