دىكتور-رىياسەتچىلەر سېپىدىكى پارلىغان يۇلتۇز - گۈلئارا سادىر

     ھايات ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قوغلىشىش بىلەن قىممىتىنى تاپىدۇ، ئارزۇ-ئارمانسىز كىشى گوياكى توختام سۇ، ئارزۇغا ئىنتىلمەس كىشى خۇددى قۇرۇغان دەرەخ.    

      ھەرقانداق دەۋر ئىجادكار ياشلارغا مەنسۇپ، چۈنكى ياشلار ئۆز ئىجادكارلىقى بىلەن گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىدۇ! كۈنىمىزدىكى ياشلار ئىچىدە چاقنىغان بىر يورۇق يۇلتۇز كەبى ئۆزىنىڭ مېھىرگە تولغان ئاۋازى بىلەن سانسىز كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى قايتىدىن، باشقا بىر نۇقتىدىن ھېس قىلدۇردى. ئۇ دەل «مېھىرگە چاقىرغان قىز» ــــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتى 2012-يىللىق دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، «قەلب كۆزنىكى»، «دىلىستان»، «جۇلالىق پاراڭ» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تور تېلېۋىزىيە ۋە تور رادىيو پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلئارا سادىر.

 

        نۇرغۇن كىشىلەرنى دېكلاماتسىيە ئاڭلىسا ئۇيقۇ باسىدۇ، بىراق 2013-يىلنىڭ ئاخىرى توردا گۈلئارا سادىرنىڭ «مېھىر كېچىسى» يالغۇز كىشىلىك دېكلاماتسىيە ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ، دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ھەققىدىكى پاراڭ بىرقىسىم تور، مىكرو بلوگ، ئۈندىدارلارنى بىر ئالدى، مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات فىلىمى ۋە خەۋەرلەرنىڭ چېكىلىشى ئوخشاش تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ چېكىلىشىدىن ئېشىپ كەتتى. گۈلئارا دېكلاماتسىيەنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقوتقۇچىلىرىدىن گۈلئارانىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد، مۇھەببەت ئەزىز، تاھىر ياسىن، ئەل قەلبىدىكى سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، داڭلىق رېژىسسور جۈرئەت ۋاھىد، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇستاز دىكتورلىرىدىن غالىب نىياز، ماھىبەدەر ئابلىمىت، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئاۋاز ئاكتىيورىدىن قەيسەر ھەبىبۇللا قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار نەق مەيدانغا كېلىپ قۇتلۇقلىدى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور تاراتقۇلىرى كېچىلىكنى بەس-بەستە مەخسۇس خەۋەر قىلدى.   

 «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 3-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا گۈلئارانىڭ سۈرىتىنى بېسىپ، «مېھىرگە چاقىرغان قىز» ناملىق ماقالە بىلەن مېھىرگە، دەۋر روھىغا باي بۇ قىزنى مەخسۇس تونۇشتۇردى. گۈلئارامۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر خاراكتېرى، ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان روھى ئارقىلىق ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئەۋلاد رىياسەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  

 مەن تەساددىبىي پۇرسەتتە بۇ مېھىر ئەلچىسى بىلەن تونۇشتۇم، قىسقىغىنا پاراڭ ماڭا ئاجايىب بىر ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇمۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى.

  

 مۇخبىر: ئىگىلىشىمچە، سىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپتىكەنسىز، قانداق بولۇپ دىكتور رىياسەتچىلىك كەسپىدە داۋاملىق ئوقۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟    گۈلئارا: ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم، بۇ جەرياندا ياخشى ئۆتىدىغان بىر دوستۇمنىڭ سىڭلىسى تاراتقۇ ئىشخانىسى قۇرۇپ، بىر تور بېكەت بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، شۇ تور بېكەتنىڭ رادىيو ۋە سىنلىق نومۇرلىرىنى ئىشلىدى. مېنىڭ كىتابخۇمار، ئوچۇق-يورۇق، ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىشقا، داڭلىق شەخىسلەرنى دوراشقا ئامراق قىز ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان ھېلىقى دوستۇم بىر كۈنى ماڭا تېلېفون قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ تويىغا رىياسەتچىسى بولۇپ بېرىشكە قىزىقىشىم بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ مېنىڭ شەخسىي قىزىقىشىم ئىدى، مەنمۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا سىناپ باقمايمۇ، دېگەن خىيالدا قوبۇل قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن تىل سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم ھەقىقىي نىشانىم بولۇپ قالدى ھەمدە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇستاز سەنئەتكارلار «گۈلئارا، سىز مۇشۇ كەسپنىڭ ئىگىسىكەنسىز، مۇشۇ كەسپنىڭ نېنىنى يېسىڭىز بولغىدەك» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مىنى ئىلھاملاندۇدى. شۇنداق قىلىپ، يۈرىكىمدىكى بۇ كىچىك ئۇچقۇن چوڭلارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن كۆيۈپ گۈلخانغا ئايلاندى. مەنمۇ ئۆز ئورنۇمدا تۇرۇۋەرمەي ئىلگىرىلەشنى، پەرۋاز قىلىشنى ئويلىدىم، كېيىن ئىختىيارسىزلا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى يەنە باشلىدىم.

 مۇخبىر: مەن ئىلگىرى ناخشا كېچىلىكى، ئۇسسۇل كېچىلىكى، ئېتوت كېچىلىكى دەپ ئاڭلىغان، دېكلاماتسىيە دېگەن بۇ سەنئەت تۈرى ئادەتتە باشقا كېچىلىك-پائالىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئانچە-مۇنچە قىستۇرۇلۇپ قويۇلاتتى. بىراق سىز تەۋەككۈل قىلىپ، مەخسۇس دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپسىز، شۇ چاغلاردا نېمىلەرنى ئويلىغان ئىدىڭىز؟ «ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالارمۇ» ۋە ياكى «تاماشىبىنلارنى ئۇيقۇ بېسىپ قالارمۇ» دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئويلىغانمىدىڭىز؟

  

      گۈلئارا: مەغلۇب بولارمەنمۇ؟ سەھنىدە سۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالارمەنمۇ؟ ئۇستازلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويارمەنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىغان. دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ئەمەس، ھەتتا بىر ئېتوت كېچىلىكى كۆرگەندىمۇ ئەگەر كۈلگىمىز كەلمىسە ياكى ئارتستلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنى جەلب قىلالمىسا، ئۇنداقتا بۇ بىر مەغلۇبىيەتلىك سەھنە ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. دېكلاماتسىيەمۇ سۆزلەش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى قىزىقتۇرىدىغان سەھنە ئەسىرى. مەن تاماشىبىنلىرىمنى ئۇيقۇ بېسىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم، چۈنكى دېكلاماتسىيەلىرىمنىڭ كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىسىگە رەڭ بەردىم، مەسىلەن LED كارتىنىلىرى، نەق مەيدان MV، نەسىرگە ماسلاشتۇرۇلغان ئۇسسۇل قاتارلىقلار بار ئىدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە تېگىدۇ. دېمەكچىمەنكى، سەھنىدىكى بارلىق نومۇرلىرىم چىن بولسا، ھەقىقىي بولسا، ئېغىزىمدىنلا ئەمەس، يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتلاپ چىقسا، تاماشىبىنلىرىممۇ داۋامىنى كۈتۈشىدۇ. ئالدى بىلەن دېكلاماتسىيەلىرىمنىڭ ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى ئۈستىدە بەكرەك باش قاتۇردۇم، پەقەت ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرەلىسەملا ئاندىن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيمەن. ئەلۋەتتە، تاماشىبىنلارنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئېتوتلارنىمۇ قوشۇپ قويدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىزىقارلىق خەۋەر دىكتورلۇقى بولۇپ، «مېھىر كېچىسى» ئۈچۈن مەخسۇس يېزىلغان كۈلكىلىك خەۋەرنى تاماشىبىنلىرىمغا خەنزۇ تىلى دىكتورلۇقىدا يەتكۈزدۈم. يەنە ئالدىنقى نەسىر دىكلاماتسىيەسىگە باغلاپ روفىنە يالقۇن ئىسىملىك سىڭلىمىز بىلەن بىر ناخشا ئېيتتىم.

  

 مۇخبىر: يېقىندا سىز ئىشلىگەن «جۇلالىق پاراڭ» تور پروگراممىسىنىڭ بىرىنچى سانىنى مەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن، بۇنىڭغا سىزنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن ھەرخىل تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور پروگراممىلىرىنى قوشقاندا، سىزنى تور پروگراممىلىرى ساھەسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىدى، دېيىشكە بولىدۇ ھەمدە سىزنىڭ رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبىڭىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەمدى سىز بۇ خىل رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ۋە پروگراممىلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرامسىز؟

 

  گۈلئارا: بۇ بىر ئۈلگە پروگرامما بولدى، ئۇنداقتا مېنىڭ ئەمدىكى چىقىش نۇقتام نېمە؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى 20 نەچچە يىللىق قېلىپ ئىچىدە بولۇپ، بۇ قېلىپنى رىياسەتچى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس. بۇ قېلىپتا تاماشىبىنلار ئامىلى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پسىخىكا ئامىلى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرتۈرلۈك ئامىللار بار. بىراق شۇ نەرسە ئايدىڭ، تەرەققىيات زىيادە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، نۆۋەتتىكى بىز كۆرۈۋاتقان ۋە بەھىرلىنىۋاتقان ھەرخىل رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرى كۆرۈرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ مەن بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، يېڭىلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئادەم دېگىنىم ئەمەس، چوقۇم بىر ئادەم تۇنجى قەدەمنى بېسىپ، مەيلى مۇۋەپپەقىيەت قازانسۇن ۋە ياكى مەغلۇب بولسۇن، سىناپ بېقىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مېنى ئىشەنچكە تولدۇرۇش بىلەن بىللە مېنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى. بۇنداق بولغانىكەن، بۇ پروگراممىنى داۋاملىق ئىشلەيمەن، بۇ كۈنلەردە كېيىنكى سان پروگراممىلارنى پىلانلاۋاتىمەن، ھەمكارلىشىدىغان تەرەپنىمۇ ئاساسەن بېكىتىپ بولدۇم.  

      مۇخبىر: زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.   



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-04-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ لاۋروفتىن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا سەمىمىي سالام ۋە...
29-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 29-ئاپرېل، چاۋشيەن پىيوڭياڭ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كورىيەلىك جىن دوڭجې سوت قىلىندى. 29-ئاپرېل، چاۋشيەن ئالىي سوت مەھكىمىسى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىدە بولۇش جىنايىتى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئام...
29-04-2016
    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى با...
29-04-2016
ليۇ فامىلىلىك ئەر مېترو ئىچىدە كۆپ قېتىم ئېلان تارقاتقان، شۇنداقلا قايتا- قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەلمىگەچكە، رېلىسلىق قاتناشنىڭ يىڭشەن يولى ساقچىخانىسى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جەھەتتىن 10 كۈنلۈك توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى. 4-...
29-04-2016
    28-ئاپرېل، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ‹‹ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملە...
29-04-2016
     500 مىليون فونىدسىتىرلىڭغا چېتىلغان، نامى «مالايسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئاجرىشىش دېلوسى» غا مالايسىيا پايتەختى كۇئالالامپۇر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىدۇ. مالايسىيادا تۇغۇلغان بۇ بىر...
29-04-2016
    فىلىپپىن مەركىزى بانكا باشلىقى ئاماندۇ مۇنداق دېگەن: خاككېرلار ھەر دائىم بىزگە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلايدۇ، مېنىڭچە بۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھەقىقەت، ئەمما بىز ئۇنى چېكىندۈرەلەيمىز، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى پەقەت مەركىزى ...
29-04-2016
   جاڭ دوڭجيەن، 1972-يىلى 7- مارتتا كورىيە سىئولنىڭ لۇڭشەن رايونىدا تۇغۇلغان، كورىيە ئارتىسى. 1992-يىلى كورىيە MBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 21-قەرەللىك ئارتىس تەربىيىلەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 1993-يىلى جاڭ دوڭجيەن MBC تېلېۋىزىيە ...
29-04-2016
      بارسېلونا مۇداپىئەچىسى پىك بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كېيىنكى 3 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ داۋاملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولغۇدەك ئىقتىدارى بار دەپ قارايدۇ. ھازىر بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بىرلەش...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىستاتىستىكا خ...
Powered by Leglek