شىنخۇا تورى، بىرازىلىيە، 3-ئىيۇل تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 3-ئىيۇل بىرازىلىيەدە 2016-يىللىق رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل لايىھە شەكىللىرى، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ بىرازىلىيە چېگرىسى ئىچىدە يەتكۈزۈش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى ئاشكارىلىدى. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇزمان، رىئودى ژانېيرو شەھىرىنىڭ باشلىقى پاۋۇس قاتارلىقلار ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئاليومىن ۋە دېۋىرقايدىن ياسالغان، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى ئوخشىمىغان بەش خىل رەڭلىك ئەگرى سىزىقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، تاغ تىزمىلىرى، ئاسمان ۋە قۇياشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بلەن بىرگە يەنە، بىرازىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەشئەلنىڭ سىرتقى شەكلىدە ‹‹تەنھەرىكەت، يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىرازىلىيەچە ئۇسلۇب›› نامايان قىلىنغان.
مەشئەلنى بىرازىلىيە چېگرىسى ئىچىدە يەتكۈزۈش پائالىيىتى 2016-يىلى 5-ئايدا باشلىنىدىكەن. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلى بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيەدىن يولغا چىقىپ، 300 دىن ئارتۇق شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، 2800 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇساپىنى تاماملايدىكەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved