ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىدە 23-ئىيۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئوكىناۋا ئۇرۇشنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ئوكىناۋا پۇقرالىرى ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغانلىقى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت ئوكىناۋا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شىددەتلىك ئۇرۇش بولغان ئورۇندىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
گەرچە ئابىشىنزو سۆزىدە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئوكىناۋادىكى كۆپلىگەن پۇقرالار ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، قوغدىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوكىناۋادىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي جەنۇبى قىسىم رايونىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved