فۇجوۋدا:ئەر ئاجراشقاندىن كىيىن ماشىنا ھەيدەپ قالايىمقان سوقۇپ 6ئادەمنىڭ ئۆلشى 13ئادەمنىڭ يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

خەلىق تورىنىڭ 4-ئاينىڭ28-كۈنى مىنخوۋدىن بەرگەن تېلگىراممىسى،فۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسدىن كەلگەن ئۇچۇردا دىيلىشىچە، 4-ئاينىڭ28-كۈنى سائەت11دىن19مىنۇت ئۆتكەندە مىنخوۋ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى ئاممىنىڭ دېلو مەلۇم قىلشىنى تاپشۇرۋالغان بۇلۇپ،بىر ئەر كىچىك ماشىنا ھەيدەپ چىڭكوۋ بازىرى بېنچې چوڭ يولىدا ئادەم سوققاندىن كىيىن قېچىپ كەتكەن.

دېلو تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن مەزكۇر قوماندانلىق مەركىزى دەرھال بېنچې چوڭ يولى ئەتراپىدىكى چىڭكوۋ ساقچىخانىسغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تېزلىكتە بۇ ۋەقە سادىر قىلغان ماشنىنى قورشىۋالغان.11دىن30مىنۇت ئۆتكەندە خەلىق ساقچىسى ساقچى ماشنىسىنى ھەيدەپ شاڭگەن بازىرى بېنچې چوڭ يلى ۋە 203نۇمۇرلۇق ئۆلكە يولنىڭ كىسىشىش نوقتىسىدا مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا ۋەقە سادىر قىلغان ماشنىنى توسۋالغان.12دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە نەسھەت قىلىش كار قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەلىق ساقچىسى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ماشىنا ئىچىدىكى ئەرنى بويسۇندۇرغان.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە.ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئەرنىڭ ئىسمى لىنx(خەنزۇ،37ياش،فۇجوۋ چاڭلېلىق)،ئائىلە مەسلىسى تۈپەيلى كەيپىياتى كونتىروللۇقنى يۇقتىپ ماشىنا ھەيدەپ ئارقىمۇ-ئارقا ئادەم سوققان،نەخ مەيداندا 6ئادەم ئۆلۈپ(3كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)13ئادەم يارلانغان.ۋەقە يۈش بەرگەندىن كىيىن فۇجىيەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ،فۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزى بىرىنجى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلغان.فۇجوۋ شەھرى، مىنخوۋ ناھىيەسى ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكىمەت مەزكۇر ۋەقەگە يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يارلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئاممىغا تەسەللى بىرىش ئىشلىرنى تەشكىللىگەن.

نۆۋەتتە ،ۋەقە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.بۇندىن ئىلگىركى خەۋەردە دىيلىشىچە:بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مىنخوۋ چىڭكوۋ بازىرىدا بىر ماشىنا ھەيدىۋالغان ئەر مەخسۇس توكسىكلىت ئىزدەپ سوققان بۇلۇپ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،ھازىر ئۆلۈم-يىتىم ئىشلرى سىتاستىكا قىلىنماقتا.ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا،ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئەر چاڭلېلىق بۇلۇپ تېخى يېقىندىلا ئايالى بىلەن ئاجىراشقان ئىكەن. فۇجوۋ باش دوختۇرخانىسى ھازىرغا قەدەر ئالتە ئادەمگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ،بۇلار تۆت نەپەر ئۇقۇتقۇچى ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ، ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچى ئاللىقاچان قازا قىلغان.بىر موماي ئۈچ نەۋرىسىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كەتكىلى بارغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر جۈپ قىز-ئوغۇل سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلشىچە، ماشىنا ئىككى كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەنىت يولىدا ماشىنىلارنى ۋە يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۆپ كىشىلەرنى سوققان،ھەمدە ئاخىردا ماشىنىنىڭ ئۆزىمۇ سوقۇلۇش جەريانىدا كۆپ يىرى كاردىن چىقىپ توختىغان.

ئارقىدىن مەزكۇر ئەر بىنزىن كۆتۈرۈپ پارتلىتىش چىقرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان،شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرلىك ساقچىلار سۇ تاپانچىسى بىلەن بۇ ئەرنى يەرگە يىقىتىپ كونتىرول قىلغان.مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغۇچى چاڭلې يىڭچىيەن كۇچىسىدىكى لىنجىيەنشىن بۇلۇپ، بۇيىل 37 يشتا ئىكەن. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بولغان ئاجرىشىش ئەنزىسى چاڭلې شەھەرلىك خەلىق سوتىدا سوت ئېچىلغان بۇلۇپ، تېخى ئاجرىشىشقا ھۆكۈم چىقرىلمىغان.سوت مەھكىمىسى خادىمىنىڭ دىيشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا سوت يېپىلغاندا لىنجىيەنشىن ئايرىلغاندا چىرايىدا ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن.ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقەدە بەش ئادەم قازا قىلغان.

باشقا ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا ، بۇ ئادەم ماشنىنى چاڭلې بىرىنجى يولىدىن تاكى مىنخوۋغىچە ئادەم سوقۇپ ھەيدەپ ماڭغان .مۇخبىرنىڭ نەخ مەيداندا خاتىرلىشىچە 18 ئادەم سوقۇلغان.فېڭگاڭ كەنتىدىكى بىر كىشىنىڭ دىيشىچە،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر تاللا بازىردا بۇلۇپ ،بىرىنىڭ كۈچەپ ماي كىلاپانىغا دىسسىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان.يەنە باشقىلارنىڭ دىيشىچە ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئەرنىڭ 6 ياشلىق بىر قىزى بار ئىكەن. 



خەتكۈچلەر:
29-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek