21-يانۋار، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا ئىش باشلاش مۇراسىمى دجاۋا ئۆلكىسىنىڭ ۋارىگنىدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە تۆمۈريول ھەمكارلىقىدا زور نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ قاتارلىق مۇراسىمغا قاتناشتى.
جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باندۇڭ-جاكارتا تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتا ۋە 4-چوڭ شەھەر باندۇڭنى تۇتاشتۇرىدىكەن، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدا قۇرۇلۇش تاماملىنىش پىلانلانغان. بۇنىڭ بىلەن جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان مۇساپە ھازىرقى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن 40 مىنۇتلارغا قىسقىرايدىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved