3-ئاينىڭ 21-كۈنى، گۇاڭدۇڭ مېيجۇدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغقان. قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن مېيجۇدىكى قىسمەن رايونلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىپ، ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئېتىز – ئېرىقلار سۇ ئاستىدا قالغان. 20-مارت سائەت 22 دىكى دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مېيجۇ شەھىرىنىڭ جياۋلىڭ ناھىيەسى، پىڭيۈەن ناھىيەسى، مېيشيەن رايونى، شىڭنىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى 10 بازار قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 76 ئادەم ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇلغان، قارا يامغۇردا ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 6100 مو زىرائەت سۇ ئاستىدا قالغان، ئالتە دېھقاننىڭ 18 ئىغىز تۇرالغۇ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 77 ئورۇندا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، 114 ئورۇندا يول ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، 60 مېتىر يول بۇزۇلۇپ كەتكەن، 3230 مېتىر ئېتىز يولى بۇزۇلۇپ كەتكەن، 51 سۇ توسمىسى زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن ئۈچ مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved