لەگلەك تورى تەرجىمىسى، شىنخۇا تورى 24-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىنتايىن زور بىر تۈركۈمدىكى لەيلىگەك ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مىسسىسىپى دەرياسى بويىدىكى رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، قاتناشنى توسالغۇغا ئۇچراتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لەيلىگەكلەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن ھەتتا كۈن نۇرىنىمۇ توسىۋالغان. بۇ لەيلىگەكلەرنىڭ تېنى ئاساسلىقى ئاقسىل ۋە ياغدىن تەركىپ تاپقاچقا، يول يۈزى مايلىشىپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
گەرچە بۇ لەيلىگەكلەر كىشىنى بىزار قىلسىمۇ، لېكىن بۇ مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەيلىگەكلەر دەريادىكى بېلىقلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى، شۇنداقلا يەنە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.
ئۇلانما : لەيلىگەك دېگىنىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائىي قاناتلىق ھاشارات بولۇپ، ئۇنىڭ تېنى ئاساسلىقى ئاقسىل ۋە ياغدىن تۈزۈلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved