يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، لىنتاۋ ناھىيە لۇڭمىن بازىرى ئېرشىپۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئارقىسىدىكى تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرھال سىنىپلىرىدىن مەيدانغا چىقىۋالدى
جۇڭگو تورى خەۋىرى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تور مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2015-يىلى 15-ئاپرېل سائەت 15 تىن 8 مىنۇت 36 سىكۇنت ئۆتكەندە گەنسۇ ئۆلكىسى دىڭشى شەھىرى لىنتاۋ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 35.4 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 104.0 گىرادۇس) دە 4.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىر بولۇپ، ئەتراپتىكى 100 كىلومېتىر دائىرىدىكى لىنشيا، لەنجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان. يەرلىك ئاممىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەر تەۋرىگەندە ئامما خېلىلا كۈچلۈك تەۋرەشنى ھېس قىلغان، ئارقىدىنلا تاغ پارتلىغاندەك ئاۋازلار چىقىپ بىر قىسىم جايلاردا تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved