بىر قىسىم ياۋرو رايونىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ھازىر دۆلەت پۇل سىياسىتىنى مۇستەقىل كونترول قىلىشقا ئامالىسىز قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بىر دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملگىلى بولىدۇ؟ بەلكىم تارىخ بىزگە قىسمەن جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن.
1.گېرمانىيە ماركى
1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى تۇنجى بولۇپ پۇل تارقتىشتا مەغلۇپ بولۇشنىڭ مىسالى.«ۋېرسايل كېلىشىمى» گېرمانىيەدىن جەڭدە غەلبە قىلغۇچى دۆلەتلەرگە جەڭ تۆلىمى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. بىراق گېرمانىيەنىڭ بۇ تۆلەملەرنى تۆلەش ئىقتىدار يوق بولۇپ، فىرانسىيە ۋە بېلگىيە گېرمانىيەنىڭ سانائەت رايونلىرىنى ئىگىلىۋالغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زور مىقداردا قەغەز پۇل بېسىشقا باشلاپ بۇ ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ مائاشى ۋە جەڭ تۆلىمى تۆلىمەكچى بولغان،ئاخىرىدا پۇل پاخاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2. ئارگىنتىنا پېسوسى
1970-يىلىنىڭ ئوتتۇرى مەزگىللىرىدە OPEC نېفىت ئىمبارگۇسى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ئارگىنتىناننىڭ ئىقتىسادى بىر مەزگىل ياخشى تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشىدە بولغان.سىياسىي داۋالغۇچنىڭ داۋاملىشىشى، ھۆكۈمەت خامچوتى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمى بىر مەيدان ئېغىر ئىقتىسادى چېكىنىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.ھۆكۈمەت راسخوتنى قىسقارتىش ياكى ۋاقىتلىق قەرز ئېلىپ يوچۇقنى ئېتىشنى ئويلاشماي، ئەكسىچە زور تۈركۈمدە پۇل بېسىپ تارقىتىشنى باشلىغان. 1976-يىلىدىكى بىر مەيدان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى تېزلەشتۈرۈۋەتكەن، پۇلنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىشى پۇل پاخاللىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
3. زىمبابۇۋى دوللىرى
1980-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، زىمبابۇۋى دوللىرىنىڭ پۇل قىممىتى ئامېرىكا دوللىرىدىن تەخمىنەن %25 يۇقىرى بولغان. ھالبۇكى، كېيىنكى بىر قانچە يىلدا زىمبابۇۋى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەسلىلەر ئىقتىسادنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇقرالارنىڭ پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا بولغان ئىشەنچىسىزلىك كرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ جىددىيلىشىشى،ئىش ھەققى ۋە مال باھاسىنىڭ باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنىڭ باشلىنىشى يەنە يېڭىدىن زور بىر تۈركۈم مالىيە قىزىل رەقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن پۇل كۆپلەپ بېسىلىپ، پۇل پاخاللىشىشنىڭ ئېغىرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇل پاخاللىقى %624، 2006-يىلى %1730 گە يەتكەن. بىر يىلىدىن كېيىن پۇل پاخاللىقى ھەتتا %11000 گە يەتكەن. 2008-يىلىغا كەلگەندە زىمبابۇۋى يېڭى پۇل تارقىتىپ 1:1000 تېگىشىش نىسبىتى بويىچە يېڭى پۇل كونىنىڭ ئورنىنى ئالغان.
4. پىرۇ سور پۇلى
پىرۇنىڭ ئىلگىرى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۈچ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. 1980-يىلى، پىرۇ ھۆكۈمەت خىراجىتىنى كۆپەيتىپ، كەينىدىنلا يېتىپ كىلىدىغان قەرزنى قايتۇرۇشقا ھېچقانداق پىلان تۈزمىدى. ئەركىن سودا سىياسىتى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئاستىلىتىۋەتكەچكە، پۇل پاخاللىقى كۆرۈلۈشكە باشلاپ، مەبلەغ سېلىش مەنبەسى بارغانسېرى قۇرۇقدىلىپ قالدى. 1985-يىلى، پىرۇ ھۆكۈمىتى يېڭى پۇل بېسىپ چىقىرىپ سور پۇلىنىڭ ئورنىنى ئالماقچى بولدى، شۇ يىلى 9-ئايغا بارغاندا پۇل پاخاللىقى %400 يەتكەن. يېڭى پۇل چىقىپ ئالتە يىلدىن كېيىن پىرۇ ھۆكۈمىتى قايتىدىن يېڭى سور پۇلىنى بېسىپ چىقىرىپ،دۆلەت پۇلى قىلىپ تارقاتقان.
5.چىلى ئېسكۇدوسى
1970-يىلى سالۋادور ئاراند چىلى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى. تەۋرەنمەس ماركىسىزىمچى ۋە سوتىسيالىستلار پارتىيىسى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىگلىكىگە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى ھەمدە جەمئىيەت خىراجىتىنى ئۆستۈرۈپ ئىجمائىي بايلىقنى تەڭ تەقسىملىمەكچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل سىياسىتىنى كېڭەيتتى، دەسلىپىدە بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى،بىراق پۇل پاخاللىشىشىنمۇ غىدىقلاپ قويدى. 1972-يىلنىڭ ئاخىرىدا چىلىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %600كە يەتكەن. بىر يىلدىن كېيىن بۇ نىسبەت بىر ھەسسە قاتلىنىپ %1200 گە يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغانلىرى باشقا دۆلەت ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرزىگە خىلاپ قىلغانلىق بولۇپ،ئۇزۇنغا بارماي ئارگىنتىنا ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى، زۇڭتۇڭ سالۋادور ئاراند ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 1985-يىلى ئېسكۇدونىڭ ئورنىنى چىلى پىسوسى ئېلىپ. تېگىشىش نىسبىتى 1000:1 بولدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved